ئېلىمىز پەن-تەتقىقات خادىملىرى مارستا ئېنېرگىيە ساقلاش ۋە توك چىقىرىش تەتقىقات ساھەسىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى
جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ تەتقىقات ئەترىتى يېقىندا مارس ئاتموسفېراسىنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش ۋە توك تارقىتىش ساھەسىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يېڭى ئېنېرگىيە بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز مارسنى تەكشۈرۈش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى، 2028-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە تيەنۋېن 3-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچنى قويۇپ بېرىدۇ، 2031-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە مارس ئەۋرىشكىسىنى يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئېلىمىز ئالىملىرى بۇ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، مارستىكى ھازىر بار بولغان بايلىقلاردىن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدەنمەكتە.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا