ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاڭجياڭ دېلتىسى ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى ئىتتىپاقى قۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-08 11:49

7-نۆۋەتلىك چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى جياڭسۇنىڭ نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭ بىلەن چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى ئىتتىپاقى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. ئىتتىپاق چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى رامكىسى ئاستىدا، دۆلەت دەرىجىلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى ئاساسىي گەۋدە، دۇنيا دەرىجىلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى ئورتاق يېتىلدۈرۈشنى نىشان قىلىپ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇينىڭ كەسىپ ئاساسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى بىر شەھەر، ئۈچ ئۆلكە ياسىمىچىلىقنىڭ ماس تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك 26 ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، چوڭ ئايروپىلان، بىيو تېببىي دورا، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، يېڭى ماتېرىيال، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.
مۇنبەردە يەنە 2-تۈركۈمدىكى چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى 10 چوڭ ئەمەلىي ئىش تۈرى ئېلان قىلىندى، بۇ ئىستېمالنى ئۆستۈرۈش، ئۆلكە ھالقىپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈنئىي ئەقىل، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن 2-تۈركۈمدىكى 12 چاڭجياڭ دېلتىسى يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاڭجياڭ دېلتىسى ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى ئىتتىپاقى قۇرۇلدى

7-نۆۋەتلىك چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى جياڭسۇنىڭ نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭ بىلەن چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى ئىتتىپاقى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى.