ئېلىمىز ياشانغانلار مۇلازىمىتىنىڭ تىپى ئۆزگەرمەكتە
سۈنئىي ئەقىل، ماشىنا ئادەم قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرى كۈتۈنۈش يېڭى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئادەم كۈچى كۆجۈملەشكەن ھالەتتىن تەدرىجىي ھالدا تېخنىكا قوشۇمچە تىپىغا ئۆزگەرمەكتە.
شاڭخەيدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيىسىدە، ئەقلىي ماتراسنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى قارىغۇچىلار خىزمەت پونكىتىنىڭ ئېكرانىغا دەرقەمدە يەتكۈزۈلىدۇ. ياشانغانلار ساناتورىيەسى تىجارەت تەرەپنىڭ مەسئۇلى گاۋ ۋەنجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەقلىي ۋاسىتىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى چەكلىك ئادەمنىڭ رولىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇردى، قارىغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى پەن-تېخنىكىلىق مۇلازىمەتكە قارىتالايدۇ. 119 ياشانغان كىشىنىڭ ھاياتلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىدە خەۋپ-خەتەر بار يوقلۇقىنى دەرقەمدە كۈزىتىپ تۇرغىلى بولىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلار كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
ھازىر پەن-تېخنىكا ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ توغرا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلدى. جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھىرىنىڭ كېچياۋ رايونىدا ئەشيا ئوبوروت تورى ۋە سېفىرلىق تېخنىكىغا تايىنىدىغان «نەچچە ئەقلىي ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى» 86 ياشلىق شېن لەيشۈينى ئۆيىدە 24 سائەت ساغلاملىق جەھەتتىن كۈزىتىش، يىراقتىن دىئاگنوز قويۇش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان قىلدى. بوۋاينىڭ پەرزەنتى شېن لىچىن مۇنداق دېدى: ھازىر ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىتىلدى، دادامغا بىرەر ئىش بولسا، دوختۇر تەرەپتىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، بىز پەرزەنتلەرمۇ خېلى خاتىرجەم بولدۇق.
ياشانغانلارغا نىسبەتەن قولايلىق دورا سېتىۋېلىشمۇ چوڭ ئىش، ھازىر گەنسۇنىڭ لەنجۇدىكى ئالاقىدار تارماقلار بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يان تېلېفوندا تالون كەستۈرۈپ دورا سېتىۋېلىش، ھەق تاپشۇرۇش، رېمونت قىلىش قاتارلىق تۇرمۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى بىر يەرگە يىغدى، كەسپىي كىشىلەر بىر قاراپلا بىلىۋالالايدۇ. كارخانا خېرىدارلار مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ياڭ جيايى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياشانغانلار ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا يان تېلېفونىدا بىر كۇنۇپكا بىلەن زاكاز قىلالايدۇ، خېرىدارلار مۇلازىمەت باش ئىشتابىغا تېلېفون بېرىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە خىزمەتچىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، خىزمەتچىلەر ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت