خېبېينىڭ شىجياجۇاڭ، جىلىننىڭ يەنبيەن قاتارلىق جايلار ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئۆگىنىش-تەربىيە نەتىجىسىنى تەكشۈردى
خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يەنبيەن شەھىرى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسىدە، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى.
خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرى مەمۇرىيەت قىزىق لىنىيەسى، سوئال-جاۋابلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىدىن پىكىر ئالدى. شىجياجۇاڭ شەھەر ئاھالىلىرى مەركەزلىك ئىنكاس قىلغان قاتناش، سۇ، گاز ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، شەھەرنى يېڭىلاش تۈرىگە بىرلەشتۈرۈپ مەركەزلىك پىلانلاپ، كونىراپ كەتكەن بىر تۈركۈم سۇ، گاز تۇرۇبا تورى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوت ئۆچۈرۈش، لىفىت، گاز قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى چۆرىدەپ، 3800 دىن ئارتۇق ئولتۇراق رايوننى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، 179 ئولتۇراق رايوندىكى مەسىلىلەرنى تۈزەتتى.
نۆۋەتتە، شىجياجۇاڭ شەھىرى ياشاش مۇھىتى، شەھەر باشقۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ 1743 مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، 1080 مەسىلىنى تۈزەتتى.
ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يەنبيەن شەھىرى جايلارنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى نىشانلاپ، ئاممىنىڭ ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. يەنجى شەھىرى قىسمەن ئاھالىلەر ئىنكاس قىلغان ئىمارەتلەرگە قورشاۋ قۇرۇشنىڭ مۇھىتقا ۋە سەپەرگە چىقىشقا تەسىر يەتكۈزۈش مەسىلىسىگە قارىتا، شەھەر باشقۇرۇش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق تارماقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، يولنى ئېغىر دەرىجىدە ئىگىلىۋېلىش، دائىرىدىن ھالقىپ قورشاۋ قۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ قۇرۇلۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ۋاقتىدا چۇۋۇلمىغان قورشاۋلارنى تېزدىن چۇۋۇپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇزۇندىن بۇيان قورشىلىپ بوش قالغان يەرلەرنى بىكارلاپ، ۋاقىتلىق ماشىنا توختىتىش مەيدانى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتتى. يەنبيەن ئوبلاستى يەنە نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىش، تور سۇپىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ھەمتۈرتكە ئارقىلىق، ئاممىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەڭ كۆلەمدە توپلىدى، نۆۋەتتە، دىققەتنى داۋالاش، قاتناش، تۇرالغۇ قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 4000 دىن ئارتۇق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەمەلىي ئىشىنى بېجىردى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









