ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار شەھەرنى يېڭىلاشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشاشقا باپ شەھەر بەرپا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-27 10:29

ھازىر جايلار شەھەرنى يېڭىلاشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى.
مۇكەممەل مەھەللە قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېقىندا يۈننەن يۈشىنىڭ خۇڭتا رايونى ئەسلىدىكى 18 يېپىق مەھەللىنى رەتكە سېلىپ چوڭ رايون بەرپا قىلىپ، 3000 مېتىردىن ئارتۇق قورشاۋ تامنى چېقىپ، پۈتۈن رايوننى تۇتاشتۇردى. ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئولتۇراق رايوننىڭ يېشىللىشىش نىسبىتى %10 تىن %22 كە يەتكۈزۈلۈپ، 1000 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلدى، يەنە مەھەللە پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، ئۆزگىچە خەلققە قولاي تۇرمۇش چەمبىرىكى بەرپا قىلىندى. خېبېينىڭ چىڭخۇاڭداۋ بۇلۇت شەھەر مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسى بويىچە، سۇ سېڭىدىغان خىش ياتقۇزۇپ يامغۇر سۈيىنى يىغدى ھەمدە يىغىلغان يامغۇر سۈيىنى تازلىغاندىن كېيىن، ئويمانلىقتىكى گۈللۈكنى سۇغاردى، بىر قىسىم ئولتۇراق رايونلىرىدا «يامغۇر سۈيى باغچىسى» بەرپا قىلىپ، ئاھالىلەرگە تېخىمۇ راھەت تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بەردى.
شەھەر ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ئاشۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ياشاش مۇھىت سۈپىتى ياخشىلاندى. خېيلوڭجياڭنىڭ خاربىن شەھىرى داۋلى رايونىدا، يېقىندا كۆلىمى 80 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان  كىچىك باغچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئىلگىرى ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى كۆپ يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بۇ«ئەخلەتخانا»دا،  ھازىر ئەخلەت تازىلىنىپلا قالماي، يەنە يەر تۈزلىنىپ، كۆكەرتىلىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى سەپلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى. بۇ يىل خاربىن شەھىرى شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ئىنچىكە ئوڭشاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، يېڭىدىن 10 كىچىك باغچىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى. جياڭشىنىڭ جىئەن شەھەرنى يېڭىلاشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەردىكى كىچىك، ئۇششاق بوش يەرلەرنى خەلققە قولاي ئىستىراھەت بوشلۇقىغا ئۆزگەرتتى، بۇ يىل يېڭىدىن « كىچىك باغچە+ ئۇششاق سودا»، «مەھەللە باغچىسى + ئىستىراھەت مەيدانى» قاتارلىق 36 ئورۇننى كۆپەيتتى.
شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئوردوس شەھىرى خاڭجىن خوشۇنىنىڭ كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇشچىلار بۇلغىما چىقىرىش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسىنى جىددىي ياتقۇزماقتا، قۇرۇلۇش 9-ئاينىڭ ئاخىرى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشى مۇمكىن. تيەنجىندە يېقىلغۇ گاز تارماقلىرى بىر قىسىم كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسىنى سىرتقا يۆتكەپ، ئاھالىلەرنىڭ گاز ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، تيەنجىن شەھىرى بۇ يىل 200 كىلومېتىر كېلىدىغان كونا يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىپ، 111 مەھەللىگە نەپ يەتكۈزدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار شەھەرنى يېڭىلاشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشاشقا باپ شەھەر بەرپا قىلدى

ھازىر جايلار شەھەرنى يېڭىلاشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى.