ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2025-يىللىق يېڭى ئىدىيە مەنبەسىنى ئىزدەش مۇنبىرى خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-29 11:10
يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، مەدەنىيەت چوڭ ئۆلكىسى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى «سەككىز جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇش،  سەككىز جەھەتتىكى تەدبىرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسى» گە كىرگۈزۈپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى «سەككىز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»نى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، جېجياڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلغان چاغدىكى مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى مەدەنىيەت قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تارىخىي تومۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىنى نەزەرىيەۋى ئاساس ۋە ئەمەلىي  ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋرىمىزگە مەنسۇپ يېڭى مەدەنىيەتنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك. 
بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى جېجياڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى «سەككىز تۈرلۈك قۇرۇلۇش» يولغا قويۇلغان 20 يىلنى ئەسلەش ۋە خۇلاسىلەش بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.
 
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2025-يىللىق يېڭى ئىدىيە مەنبەسىنى ئىزدەش مۇنبىرى خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى

2025-يىللىق يېڭى ئىدىيە مەنبەسىنى ئىزدەش مۇنبىرى خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى