14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى باج كىرىمىنىڭ جەمئىي 155 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مالىيە ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى
مەنبەسى: |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-29 11:12
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى «14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنلايلى» دېگەن تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى باج كىرىمىنىڭ جەمئىي 155 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مالىيە ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى.
14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ باج كىرىمى كۆلەم جەھەتتە مۇقىم ئېشىپ، قۇرۇلما جەھەتتە ئۈزلۈكسىز سەرخىللىشىپ، «مىقدارى ئېشىش سۈپىتى ئەلا بولۇش» ئالاھىدىلىكى كۆرۈلدى. دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ جىڭلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «14-بەش يىل»دا، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سوممىسى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سوممىسى 9 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن. باج ئىشلىرىنى تىزىملاش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، مەملىكەت بويىچە باجغا ئالاقىدار تىجارەت سۇبيېكتى 100 مىليوندىن ئېشىپ، 2020- يىلىدىكىدىن 30 مىليون ساپ كۆپىيىپ، ئېلىمىز بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ يېتەرلىك، ئەۋرىشىملىكىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك قوللىدى. دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي زىلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت دىققەتنى ئاھالىلەرنىڭ تۇغۇت، بېقىش ۋە ياشانغانلارنى بېقىش جەھەتتىكى چىقىم يۈكىنى يېنىكلىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، بۇ يىل ئەمدىلا ئاياغلاشقان شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاشنى مىسالغا ئالساق، مەملىكەت بويىچە 100 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىشتىن بەھرىمەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 30 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ياشلىقلار ئاساسلىق مەنپەئەتلەنگەنلەر بولۇپ، ئادەم سانى %80 تىن ئاشتى. بەھرىمەن بولغان باج كېمەيتىش سوممىسى %90 تىن ئاشتى. 100 مىليوندىن ئارتۇق باج تاپشۇرغۇچى قانۇن بويىچە 130 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت









