قىسقا مەملىكەت خەۋەرلىرى
*بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي خىراجىتى بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نىسبىتى %14 كە چۈشۈپ، 1-پەسىل ۋە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم 0.1 پوئىنت ۋە 0.2 پوئىنت تۆۋەنلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. ئومۇمىي جەھەتتىن ھېسابلىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تېجەپ قېلىنغان ئەشيا ئوبوروتى خىراجىتى 130 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.
*يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئون تارماق 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، توققۇز جەھەتتىكى 23 تەدبىرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى. لايىھەدە يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن زەنجىرنى ماسلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
*7-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 18 دىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىز تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇزۇن سەپەر 6-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق، سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت تۆۋەن ئوربىتىلىق 05 گۇرۇپپا سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. سۈنئىي ھەمراھ بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









