«جۇڭگو ئىسلاھات نەخ مەيدانى» بىر يۈەنلىك نەشر ھوقۇقى ھەققى بىلەن نېمىلەرنى قىلغىلى بولىدۇ؟
بۇ يىل 2-ئايدا، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتى «بىر يۈەنلىك ئالتۇن ئۇرۇق پىلانى» نى يولغا قويۇپ، بىر يۈەنلىك نەشر ھوقۇقى ھەققى بىلەن ئەسەرنىڭ مەلۇم ۋاقىت ئىچىدىكى ئويۇن قويۇش ھوقۇقىنى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن پۇقراۋى ئۆمەكلەرنىڭ رېپېتىتسىيە قىلىشى ۋە ئورۇنلىشىغا ئۆتۈنۈپ بەردى.
جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىنىڭ جېنخەيدىكى خەييۈن سەنئەت ئۆمىكى پۇقراۋى ئەلنەغمە ئۆمىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش ئورنى ۋە رېپېتىتسىيە زالى جىنخەي رايونىدىكى بىر خىزمەت بىناسىغا جايلاشقان. ئۆمەك 2011-يىلى قۇرۇلغان، ھازىر 52 خىزمەتچىسى بار، بىر قىسىم ئارتىسلار قوشۇمچە ئارتىس.
خەييۈن سەنئەت ئۆمىكى 2011-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، يەرلىك ئەلنەغمە سەھنىسىدە ھەقىقىي «يەرلىك» ئالاھىدىلىكى بىلەن جانلىنىپ كەتتى، بۇ ئەل ئىچى ئۆمىكىدىكى ئارتىسلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كەسپىي ئەلنەغمە ئارتىسلىرى ئەمەس، كۆپىنچىسى خىزمەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ سەھنىگە چىققان «ھەۋەسكارلار».
بۇلتۇر ئۇلار ئىجاد قىلغان «ئالىيجانابنىڭ ساداقەتمەنلىكى» ناملىق يۆجۈ تىياتىرى دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىسى سەھنىسىدە ئوينالدى. ئۆمەك باشلىقى لۇ خۇڭخەي مۇنداق دېدى: ئىجادىي يېڭى تىياتىر ھېكايىنىڭ يېڭىلىقىغا تايىنىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە دىققىتىنى تېخىمۇ قوزغايدۇ. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تىياتىر ئۆمىكى ھەر يىلى بەلگىلىك نىسبەتتە ئىجادىي تىياتىرلارنى ئىشلەپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
پۇقراۋى تىياتىر ئۆمەكلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نادىر نومۇرلارنى ئىجاد قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس. جۇڭگو تىياتىر ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لى گوجيې مۇنداق دېدى: كەسپىي ئىجادىيەتچىلەر ۋە مۇقىم ئىجادىيەت خىراجىتى كەمچىل بولۇش قاتارلىقلار پۇقراۋى تىياتىر ئۆمەكلىرىنىڭ ئىجادىي تىياتىرلارغا مەبلەغ سېلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىنى چەكلەپ قويدى. پۇقراۋى تىياتىر ئۆمەكلىرى بولۇپمۇ ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن پۇقراۋى تىياتىر ئۆمەكلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى نەشر ھوقۇقىنىڭ يوقلىقى، شۇڭا ئۇلار ئويۇن قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
جۇڭگو دىراماتورگلار جەمئىيىتى پۇقراۋى تىياتىر خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چۈنمېي مۇنداق دېدى: دىراماتورگلار ئىمزا قويۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قىلىپ، بىر يۈەنلىك نەشر ھوقۇقى ھەققىنى سىمۋول خاراكتېرلىك ئالىدۇ، بۇ ھەم بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەم ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىقىغا مەدەت بېرىدۇ.«بىر يۈەنلىك ئالتۇن ئۇرۇق پىلانى» دا تۇنجى تۈركۈمدە 20 ئەسەر ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالاندى، بۇنىڭدا پۇقراۋى تىياتىر ئۆمەكلىرىگە دىراماتورگلارنىڭ ئەسەرلىرىنى رېپېتىتسىيە قىلىش ۋە ئورۇنلاش ھوقۇقى بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئويۇن تىزىملىكى بېيىتىلدى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئويۇن قويۇش بازىرى ئېچىلىدۇ.
لۇ خۇڭخەي تۇرۇشلۇق جىنخەي خەييۈن سەنئەت ئۆمىكى سېنارىست لو جۇنىڭ «تەقدىر» ناملىق تىياتىرىنى ئىلتىماس قىلدى. جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتى شۆبە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن يۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر كۆپ خىل تىياتىرلارنى ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى، ئىجادىيەتچىلەرمۇ ئاساسىي قاتلامدا ئويۇن قويۇشنىڭ جانلىق ئىنكاسىغا ئېرىشەلەيدۇ. «بىر يۈەنلىك ئالتۇن ئۇرۇق پىلانى» دا بارلىق دىراماتورگلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ئوخشىمىغان تىياتىر تۈرلىرى بويىچە رېپېتىتسىيە قىلىندى ۋە ئورۇنلاندى، يەنە بىر يېڭى ئۆمەك، يېڭى تىياتىر تۈرى بويىچە رېپېتىتسىيە قىلىنسا ۋە ئورۇنلانسا، ھەم ئوخشاش بىر سەھنە ئەسىرىنىڭ كۆپ خىل ئىپادىلىنىشى، ھەم سەھنە ئەسىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنىڭ بىر خىل سىنىقى بولىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









