6-ئايدا ياسىمىچىلىقنىڭ پايدىسى تۆۋەنلەشتىن ئېشىشقا قاراپ يۈزلەندى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 6-ئايدا كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1 ئېشىپ، جابدۇق سانائىتى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى قۇۋۋەت كەسپىنىڭ پايدىسى تېز ئېشىپ، ياسىمىچىلىقنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى.
6-ئايدا، كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرى ياراتقان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 715 مىليارد 580 مىليون يۈەنگە يەتتى، جەملەپ قارىغاندا، 1-ئايدىن 6-ئايغىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى %2.5 ئاشقان. جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى سانائەت ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى گۇەن بىڭ: دۆلىتىمىز سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئېشىشنى ساقلاپ، كارخانا پايدىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلىدى، دېدى.
جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ تىجارەت كىرىمى، پايدىسى تېز ئېشىپ، تىرەكلىك رولى گەۋدىلىك بولدى. 6-ئايدا، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئېشىپ، 5-ئايدىكىدىن 0.3 پوئىنت تېز بولدى. جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى سەككىز ساھە ئىچىدە تۆت ساھەنىڭ پايدىسى ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ پايدىسى %96.8 ئاشتى، بۇ ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى سېتىش مىقدارىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش پايدىسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىدىن بولدى.
ياسىمىچىلىقنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشقا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ پايدىسى تېز ئېشىپ، سانائەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مۇقىم تىرەككە ئىگە قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى ئېلېكتىرونلۇق مەخسۇس ماتېرىيال ياساش، ئايروپىلان ياساش ۋە دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلۇشى جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %68.1، %19.0 ۋە %17.8 ئاشتى.
ئېلېكتىرون، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى داۋاملىق كۆرۈلدى، 6-ئايدا، ئەقلىي ئادەمسىز ئۇچقۇ ياساش، كومپيۇتېر، ئائىلە ھاۋا تەڭشىگۈچى، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئېلېكتىر سايمانلىرى ياساش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ پايدىسى %160.0، %97.2، %21.0، %9.7 ئاشتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









