ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-29 16:43

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتى داۋاملىق ئەمەلىيلىشىپ، بەلگە خاراكتېرلىك تاشقى مەبلەغ تۈرلىرى يېڭىدىن ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش سۈپىتىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.
چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. نۇرغۇن تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى جۇڭگودا ئۇزاق مۇددەت يىلتىز تارتىپ، جۇڭگودا تىجارەت قىلىپ ئېرىشكەن پايدىسى ئارقىلىق قايتا مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگو بازىرىغا قەتئىي ئۈمىد باغلىدى. مەلۇم تاشقى مەبلەغ كارخانىسىنىڭ يەر شارى تىجارىتى كونترول دىرېكتورى مارتېن گروخوۋسكىي: جۇڭگو بىزنىڭ ئەڭ چوڭ يەككە بازىرىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، بىزمۇ جۇڭگو بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم بولدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى قاتارلىق ساھەلەر كۈنسېرى چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىشتىكى نۇقتىلىق يۆنىلىشىگە ئايلاندى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى شيې لىنسەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسى، داۋالاش، ساغلاملىق ساھەسى، تاشقى مەبلەغنى ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش ۋە قوشۇۋېلىش، سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇنىڭدىن باشقا، يېشىل ئىقتىساد ۋە مۇھىت، جەمئىيەت ۋە شىركەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە مەبلەغ سېلىشمۇ بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىز تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ پاي ھوقۇقى سېلىنمىسىغا قولايلىق يارىتىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويدى.
بۇ يىل 2-ئايدا چىقىرىلغان «2025-يىللىق تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى» دە، تاشقى مەبلەغنىڭ جۇڭگودا پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىشنى يولغا قويۇش مەشغۇلات كۆرسەتمىسى تۈزۈپ ئېلان قىلىنىدۇ، ئەلا سۈپەتلىك تېخىمۇ كۆپ تاشقى مەبلەغ دۆلىتىمىزنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلىرىگە ئۇزاق مۇددەت مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلىنىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىل 4-ئايدا، «ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» دە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى لاياقەتلىك چەكلىك ھەمراھلار سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇ ئايدا، «مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش ۋە كېڭەيتىش ئۇنىۋېرسال سىنىقى خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى» دە تىزىملىك شەكلى ئارقىلىق، تېلېگراف، داۋالاش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرنى ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ تاشقى مەبلەغنىڭ مۇلازىمەتچىلىك ساھەسىدىكى پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. شيې لىنسەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇرغۇن تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى، مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش ۋە كېڭەيتىش سىنىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق ئېچىۋېتىش سۇپىسى ئارقىلىق ئالدىن ئىزدىنىلىپ، ئىجازەتنى بوشىتىش، چېگرا ھالقىپ قولايلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تاشقى مەبلەغنىڭ پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش سىياسەت سىستېمىسى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇلۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ كاپىتال جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا







中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتى داۋاملىق ئەمەلىيلىشىپ، بەلگە خاراكتېرلىك تاشقى مەبلەغ تۈرلىرى يېڭىدىن ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ