جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى «كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشكە كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، خەتەرلىك ئەھۋالنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تەھدىتكە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشكىلات تارماقلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ 1-سېپىدە كادىرلارنى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئاتاكىدا ئالدىدا تۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت









