ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو پارچە سېتىش كەسپىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچىدە 8 ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-07 10:48

جۇڭگو سودا بىرلەشمىسى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 9-ئايدا، جۇڭگو پارچە سېتىش كەسپىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى %50.6 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.5 ئېشىپ، 8 ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. ساھەلەر بويىچە قارىغاندا، تاۋار تىجارىتى تۈرىدىكى كۆرسەتكۈچ %50.6 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.9 پوئىنت ئۆرلىگەن؛ ئىجارە تىجارىتى تۈرىدىكى كۆرسەتكۈچ %51.4 بولۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى گۈللىنىش دائىرىسىنى ساقلىغان؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت تۈرى كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 پوئىنت ئۆرلىگەن.
كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋاملىق كۈچ قوشۇشىغا ئەگىشىپ، تاۋار ئىستېمال ئېھتىياجى سىجىل ئاشقان، پارچە سېتىش كارخانىلىرى پائال زاپاس مال تەييارلىغان، پايدا ئېلىش ئىشەنچىسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، پارچە سېتىش كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو پارچە سېتىش كەسپىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچىدە 8 ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

جۇڭگو سودا بىرلەشمىسى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 9-ئايدا، جۇڭگو پارچە سېتىش كەسپىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى %50.6 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.5 ئېشىپ، 8 ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.