ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-07 10:51

كۈزلۈك ئاشلىق مەھسۇلاتى پۈتۈن يىللىق ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.
ھازىر، كۈزلۈك ئاشلىق ئومۇميۈزلۈك مەھسۇلات شەكىللىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، بۇ دەل «بىر قېتىملىق دورا پۈركۈش ئارقىلىق، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇشنىڭ كۆزنەك مەزگىلى. مەركەز مالىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 1 مىليارد 146 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان 13 ئۆلكىنىڭ«بىر قېتىملىق دورا پۈركۈش ئارقىلىق، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»مەشغۇلاتىنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بەردى.
بۇ يىل خېنەن ئۆلكىسىدە كۈزلۈك ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 76 مىليون مودىن ئاشتى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش مەشغۇلاتى 162 مىليون مو (قېتىم)ئېلىپ بېرىلدى، «بىر قېتىملىق دورا پۈركۈش ئارقىلىق، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىغان كۆلەم 4 مىليون 10 مىڭ موغا يەتكۈزۈلدى.
شەندۇڭ  ئۆلكىسى خېزې شەھىرى دىڭتاۋ رايونىدا 660 مىڭ مو يەردىكى كۆممىقوناق دان تۇتۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كىردى، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە تۇپراقنىڭ نەملىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆممىقوناققا «بىر قېتىملىق دورا پۈركۈش ئارقىلىق، زىرائەتنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»مەشغۇلاتىنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى كۆممىقوناقنىڭ يېتىپ قېلىش خەتىرىنى ئازايتتى.
بۇ يىل مەملىكەت بويىچە كۈزلۈك ئاشلىق كۆلىمى ئالدىنقى يىلدىكىدىن مۇقىم ئاشتى، بولۇپمۇ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق زىرائەت كۆممىقوناق بۇ يىل بىر قەدەر كۆپ ئاشتى. ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياۋ شەھىرى دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم كۆممە قوناق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، خورچىن رايونى چيەنجياديەن بازىرىدىكى توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا كۆممە قوناقنى زىچ تېرىپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش تېخنىكىسى قوللىنىلغاچقا، مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ ئادەتتىكى تېرىقچىلىققا قارىغاندا 200 كىلوگىرام ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
بۇ بىر نەچچە كۈندە، جەنۇبتىكى ئارا شال دان تۇتۇشقا باشلاپ، سۇغا بولغان ئېھتىياج ئاشتى. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئەنچىڭ شەھىرىگە جايلاشقان خۇالياڭتىڭ سۇغىرىش رايونى دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونى، ھازىر تەۋەلىكتىكى 100 دىن ئارتۇق سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەسى ياسىلىپ ۋە ئۆزگەرتىلىپ، 100 مىڭ موغا يېقىن شالنى سۇغىرىش ئىقتىدارى ھازىرلاندى، بۇنىڭ بىلەن سۇغىرىشتا سۇدىن پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتىنى %30 ئۆستى.
ھازىر كۈزلۈك ئاشلىقتىن كەڭ كۆلەمدە ھوسۇل ئېلىشقا يەنە تەخمىنەن 20 كۈن بار، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، ئاپەتنى يىنىكلىتىپ كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، 18 ئۆلكىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر، كۈزلۈك ئاشلىق ئېتىز پەرۋىشى ئوڭۇشلۇق بولماقتا.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى

كۈزلۈك ئاشلىق مەھسۇلاتى پۈتۈن يىللىق ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.