ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چۇڭچىڭ ئاپتوموبىل كەسىپ زەنجىرىدە يېشىل سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-07 10:54

ئاپتوموبىل كەسپى چۇڭچىڭنىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ باش ۋە ئاياغ ھالقىلىرىدىكى كارخانىلار يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى يېتەكچى قىلىپ، بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتىپ، دەرىجىسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە.
بىر كارخانىنىڭ كەپشەرلەش سېخىدا خىزمەتچىلەر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىك ھالقىسىنى لايىھەلەشنى تەتقىق قىلىۋاتاتتى. ئىشىك ھالقىسى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن نەچچە ئون زاپچاسنى كەپشەرلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ يۇقىرى ئېنىرگىيە سەرپىياتى ئېلىپ كەلدى.
بۇنىڭ ئۈچۈن كارخانا شۇ جايدىكى ئالىي مەكتەپتە ئۇزۇن مەزگىل ئاپتوموبىل ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان پەن-تەتقىقات كوللېكتىپى بىلەن ئۇچراشتى. كوللىكتىپنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا توپلىغان سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆرسەتتى، بۇ بازاردىكى 100 نەچچە خىل ماركىنى قاپلىغان بولۇپ، بۇمۇ كارخانىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ناھايىتى تېزلا ماس كەلدى. نەچچە يۈز قېتىم سىناق قىلىش ئارقىلىق، كوللېكتىپ ئاخىرى ھەل قەۋىتى يوق، ئوكسىدلىنىشقا قارشى پولاتنى تېپىپ چىقتى، بۇ پولات يېنىك بولۇپلا قالماي يەنە بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئەسلىدىكى 20 نەچچە زاپچاسنى كەپشەرلەشنى بەشكە قىسقارتقىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقىنى تۆت كىلوگىرام ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىرلىكتە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن، بۈگۈنكى كۈندە چۇڭچىڭدا «يېشىل»دىن ئىبارەت بۇ نىشان كۆزلىنىپ، بىر ئاپتوموبىلنىڭ پۈتۈن دەۋرىيلىكىدىكى نەچچە يۈز كارخانا ئۆز ئارا ماسلاشماقتا.
بىر لايىھەلەش مەركىزىدە، خىزمەتچىلەر يېڭى ئاپتوموبىل تىپىنى لايىھەلەۋاتاتتى، بۇ بۇنىڭ ئىلگىرىكى پەقەت كېيىنكى قەدەمدىكى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىنىلا ئويلىشىشقا ئوخشىمايتى، ئۇلار يىغىۋېلىش ئۇچى بىلەن بىرلىكتە يېڭى لايىھەنىڭ كەلگۈسىدە چۇۋۇشقا قولايلىق ياكى قولايلىق ئەمەسلىكىنى باھالاشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ماتېرىياللار يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىشقا تېخىمۇ ماس كېلىپلا قالماي، توپلىشىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بۆلەكلەشتۈرۈپ لايىھەلەشمۇ ئاپتوموبىلنىڭ ھەر قايسى سىستېمىلىرىنىڭ ماسلىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ.
بۇنىڭغا ئوخشاش يېشىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېلىپ كەلگەن كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا تارقالدى. ئەڭ يېڭى توك بىلەن قوزغاش مەھسۇلاتىدا ئەسلىدە ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى-كەينىگە ئورنىتىلغان ئىككى ئېلېكتىر ماتور تۇنجى قېتىم بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەجىمى ئىلگىرىكىدىن %60 كىچىكلىتىلدى. ئۇ ناھايىتى ئەپچىل بولغاچقا، ماشىنا ئادەم، تۆۋەن بوشلۇق ئۇچقۇسى قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ھازىر چۇڭچىڭدا، ئاپتوموبىل كەسپىدە شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 68 يېشىل زاۋۇت قۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنى قاپلىدى.
يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، چۇڭچىڭ ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.2 ئېشىپ، كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %33 تىن ئاشتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چۇڭچىڭ ئاپتوموبىل كەسىپ زەنجىرىدە يېشىل سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇردى

ئاپتوموبىل كەسپى چۇڭچىڭنىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ باش ۋە ئاياغ ھالقىلىرىدىكى كارخانىلار يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى يېتەكچى قىلىپ، بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتىپ، دەرىجىسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە.