ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشىدە يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-10 15:20

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنلايلى» دېگەن تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.
بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. بارلىق سانائەت قوشۇلما قىممىتى 2020 - يىلىدىكى 31 تىرىليون 300 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، 2024 - يىلى 40 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتتى، ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش مىقدارى 8 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا ياسىمىچىلىقىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى%30تىن ئېشىشى مۇمكىن.
يېڭى قۇۋۋەت تېخىمۇ ئاشتى. بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسى مۇقىم ئاشتى، 570 دىن ئارتۇق سانائەت كارخانىسى تەتقىقات سېلىنمىسى جەھەتتە دۇنيادىكى كۈچلۈك 2500 كارخانا قاتارىغا كىردى.
كەسىپ قۇرۇلمىسى داۋاملىق ياخشىلاندى. 2020-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم-ئايرىم %7.9 ۋە %8.7 ئاشتى. دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت 6430 غا يېتىپ، كەسىپ تەركىبىدىكى «يېشىل» مىقدارى سىجىل ئاشتى.
رەقەملىك ئەقلىيلەشتۈرۈپ قوللىنىش تېخىمۇ ئومۇملاشتى. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ئاساسىي دەرىجىلىك 35 مىڭدىن ئارتۇق ئەقلىي زاۋۇت، دەرىجىدىن ھالقىغان 230دىن ئارتۇق ئەقلىي زاۋۇت قۇرۇلۇپ، سۈنئىي ئەقل نۇرغۇن كەسىپلەرگە تۈرتكە بولدى.
كەسىپ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سانائەت ئىستانوكى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىدە بىر تۈركۈم بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. كەسىپلەشكەن، تۈجۈپلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا 140 مىڭدىن، «كىچىك گىگانت» كارخانا 14 مىڭ 600 دىن ئېشىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچى سىجىل ئاشتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有