ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2025 ئالتۇن مۈشۈكئېيىق خەلقئارا مەدەنىيەت مۇنبىرى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-14 11:21

2025 ئالتۇن مۈشۈكئېيىق خەلقئارا مەدەنىيەت مۇنبىرى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى.
جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مېھمانلار مۇنداق دەپ قارىدى:  كۆپ خىل مەدەنىيلىك دۇنيانىڭ ئالاھىدىلىكى، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىگە قەدەم تاشلاش مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيلىكىنىڭ كۈچىدىن ئايرىلالمايدۇ. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا جۇلالاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يۇغۇرۇشى، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.
2025 ئالتۇن مۈشۈكئېيىق خەلقئارا مەدەنىيەت مۇنبىرى 2-نۆۋەتلىك ئالتۇن مۈشۈكئېيىق مۇكاپاتىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، «مەدەنىيلىكنى بىرلىكتە مۇجەسسەملەپ، كەلگۈسىنى يارىتىش» بۇ يىللىق باش تېما قىلىندى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2025 ئالتۇن مۈشۈكئېيىق خەلقئارا مەدەنىيەت مۇنبىرى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى

2025 ئالتۇن مۈشۈكئېيىق خەلقئارا مەدەنىيەت مۇنبىرى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى.