ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

12-تۈركۈمدىكى كورېيەدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى شېنياڭدا دەپنە قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-14 11:29

12-تۈركۈمدىكى كورېيەدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرىنى دەپنە قىلىش مۇراسىمى9-ئاينىڭ 13-كۈنى شېنياڭدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. پىدائىي ئارمىيەسىنىڭ 30 قەھرىمانى جۇڭخۇا زېمىنىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ دەپنە قىلىندى.
مۇراسىم چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا رەسمىي باشلاندى. مۇڭلۇق ۋە يېقىملىق «سېغىنىش كۈيى»گە ئەگىشىپ، ئازادلىق ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چوڭ ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىق قوغدىشى ئاستىدا، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى رەتلىك قەدەم تاشلاپ، پىدائىي ئارمىيەسىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جەسەت ساندۇقىنى قوغداپ، ئاستا قەدەم بىلەن خاتىرە مەيدانىغا كىردى.
بارلىق كىشىلەر پىدائىي ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جەسىتىگە ئۈچ تەزىم قىلدى. 27 ھۆرمەت قاراۋۇلى ئارقا-ئارقىدىن 12 پاي ئوق ئېتىپ، پىدائىي ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
ھۆرمەت قاراۋۇللىرى پىدائىي ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلاۋى قۇربانلارنىڭ جەسەت ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ مەيداننى يېرىم ئايلىنىپ، دەپنە قىلىنىدىغان يەرگە قاراپ ماڭدى. پىدائىي ئارمىيەسىنىڭ 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان پېشقەدەم جەڭچىسى نەن چىشياڭ 72 يىل ئەتىۋارلاپ ساقلىغان كاناينى ئېلىپ كېلىپ، غەلىبە ساداسى بىلەن سەپداشلىرىنى كۈتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلدى.
نەن چىشياڭ مۇنداق دېدى: مەن كانايچى ئەسكەر، ئۇرۇشتا ھەربىي كاناي ماڭا ھەمراھ بولغان، بۈگۈن ھەربىي كاناي ئارقىلىق قەھرىمانلارنى كۈتۈۋالىمەن. قەھرىمانلار ۋەتەنگە قايتىپ، ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى ياخشى كۆرۈپ يېتىڭلار، ۋەتەن سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى سەپتىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي خۇ ياۋچياڭ مۇنداق دېدى: قەھرىمانلارنى ئەستە ساقلاش، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىش ۋەتەننى ئەستە ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى جاۋابى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قەھرىمانلارنى خاتىرجەم ۋەتەنگە قايتۇرۇشنىڭ جاۋابى. بىز قەھرىمانلارنىڭ روھىنى مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق تەشكىللەپ، ۋەتەننى قوغداش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى تېخىمۇ يىراققا يەتكۈزىمىز.
ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىز ئۇدا 12 يىل كورېيەدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جەمئىي 1011  قالدۇق سۆڭىكىنى 12 تۈركۈمدە قايتۇرۇپ كەلدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 28 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ سالاھىيىتىنى جەزىملەشتۈرۈپ، تۇغقانلىرىنى تاپتى. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كورېيەدىكى پىدائىي ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ 12-تۈركۈمدىكى جەسىتىنىڭ DNA ئۇچۇرىنى ئېلىش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى «نامسىز»دىن «نامى بولۇش»قا، «ۋەتەنگە قايتىش»، «ئۆيىگە قايتىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

12-تۈركۈمدىكى كورېيەدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى شېنياڭدا دەپنە قىلىندى

12-تۈركۈمدىكى كورېيەدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي ئارمىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرىنى دەپنە قىلىش مۇراسىمى9-ئاينىڭ 13-كۈنى شېنياڭدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى.