داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى تۈرگە ئايرىش ئەلالاشتۇرۇلدى
دۆلەتلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ 9-ئاينىڭ 12-كۈنى تونۇشتۇرۇشىچە، قان تومۇرغا نەيچە كىرگۈزۈش تىرىكى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى تۈرگە ئايرىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئورتاق نامى قاتارلىقلار ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالاقىدار داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇق ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلىدىكەن.
داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى تۈرگە ئايرىپ كودلاشتۇرۇش ئىزچىل داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىدىكى قىيىن نۇقتا بولۇپ كەلدى. دۆلەتلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى بۈيۈك مەلۇمات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ شيۇجۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم قان تومۇرغا تىرەك قويۇش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى تۈرگە ئايرىپ كودلاشتۇرۇپ تەڭشەش تاماملىنىپ، داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىدا ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان تۈرگە ئايرىش ئېنىق بولماسلىق، باشقۇرۇش مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھەل قىلىندى. كۆچۈرۈلمە يۈرەك رىتىمىنى باشقۇرغۇچ، سۈنئىي ئەزا قاتارلىق تېخنىكا توسۇقى بىر قەدەر يۇقىرى خورىما ماتېرىياللار تۇنجى قېتىم تۈرگە ئايرىش يېڭى بەلگىلىمىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئىنچىكە باشقۇرۇشنىڭ پىشقان مۇسابىقە يولىدىن تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى قىممەت ساھەسىگە كېڭەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جاۋ شيۇجۇ مۇنداق دېدى: 2025-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى تۈرگە ئايرىش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى خورىما ماتېرىياللارنى تۈرگە ئايرىش كودىدىن 103 مىڭ 600 نى ئېلان قىلدى، بۇ 15 مىڭ كارخانا، 91 مىڭ 600 رويخەتكە ئېلىش كىنىشكىسى، 140 مىڭ 900 مەھسۇلات، 13 مىليون 379 مىڭ 600 ئۆلچەم تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى بۈيۈك مەلۇمات مەركىزى كودلاشتۇرۇش ئۆلچىمى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: داۋاملىق كۈچ تەشكىللەپ، باشقا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى تۈرگە ئايرىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، بولۇپمۇ يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارغا بوشلۇق قالدۇرىمىز.
جاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: داۋالىنىش سۇغۇرتىسى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان خورىما ماتېرىيال ئامبىرىنىڭ ھەر قايسى چوڭ تۈرگە ئايرىش بۆلىكىدە«باشقا»دېگەن تۈرنى قالدۇرۇپ، نۆۋەتتە ۋاقتىنچە ئېنىق بولمىغان يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى ۋاقىتلىق كود بېرىش يولى بىلەن تەمىنلىدۇق.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









