دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى «ئۆي ئىجارە نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلدى
دۆلىتىمىزنىڭ ئۆي ئىجارە ساھەسىدىكى تۇنجى مەمۇرىي نىزامى «ئۆي ئىجارە نىزامى» 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇ ئۆي ئىجارىسىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆي ئىجارە بازىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز شەھەر-بازارلىرىدىكى ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلار 200 مىليوندىن ئاشتى، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلارنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40تىن ئاشتى. ئۆي ئىجارە بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى چوڭ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى كۆپ مەنبەلىك، مەھسۇلات تۈرى ۋە مۇلازىمەت شەكلى تېخىمۇ كۆپ خىل.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆي ئىجارە بازىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، لېكىن يەنە نۇرغۇن بازار قالايمىقانچىلىقى كۆرۈلدى. جېجياڭ سانائەت داشۆسى ئۆي ۋە ئۆي-مۈلۈك تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى يۈ شياۋفېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ئۆي ئىجارە نىزامى» ئۆي ئىجارە بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشنى قانۇن قورالىغا ئىگە قىلدى. «كوللېكتىپ ئىجارە قالايمىقانچىلىقى»غا قارىتا، «نىزام»نىڭ 7-ماددىسىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۆي ئىجارىسىدە يالغۇز كىشىلىك ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئادەم سانىنىڭ يۇقىرى چېكى ۋە كىشى بېشى ئەڭ تۆۋەن كۆلىمى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. «كىرىم يۇقىرى، ئىجارىسى تۆۋەن بولۇش»قا قارىتا، نىزامنىڭ 19-ماددىسىدا، قايتا ئىجارە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۆي ئىجارە كارخانىلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئۆي ئىجارە مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھېسابات نومۇرى تەسىس قىلىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.
«ئۆي ئىجارە نىزامى» جەمئىي يەتتە باب، 50 ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆي ئىجارە بەرگۈچىگە چەكلىمە قويۇلۇپلا قالماستىن، يەنە ئىجارە ئالغۇچى، ئۆي ئىجارە كارخانىسى، ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى، ئۆي ئىجارە ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور سۇپىسى تىجارەتچىلىرى قاتارلىق ئۆي ئىجارە بازىرى ئاساسىي گەۋدىلىرىگە قارىتا مۇناسىپ ھەرىكەت چەكلىمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئۆي سىياسىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى لى يۈجيا بۇنى كۆزىتىپ، «نىزام»دا ئۆي ئىجارە كەسپىنىڭ پۈتۈن زەنجىرىدە ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنىڭ باراۋەر بولۇشى تەكىتلەنگەن ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، دېدى.
لى يۈجيا مۇنداق دېدى: نىزامدا ئۆي ئىجارە توختامى، ئىجارە ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت توختامىنىڭ ئۈلگە نۇسخىسىنى تۈزۈش ۋە ئېلان قىلىش؛ ئۆي ئىجارە ھەققىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققى سەۋىيەسى ئۇچۇرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ كەسىپنى قانات يايدۇرۇشىدىكى ئاساسىي تەرتىپ بولۇپ، بازار قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ كەسىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگىمۇ پايدىلىق.
«نىزام»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئۆي ئىجارە بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئابىدە. كەلگۈسىدە، «نىزام»نىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشى ۋە ئالاقىدار يانداش سىياسەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۆي ئىجارە بازىرى تېخىمۇ ساغلام، تەرتىپلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدۇ، ئۆي ئىجارە ئالغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









