ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 8-نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشى سايلىمىدا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك سايلىنىدىغان 26 ئەزا دەسلەپكى قەدەمدە ۋۇجۇدقا كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-15 15:34

ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 8-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشى سايلىمىنىڭ دەسلەپكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە ئېلان قىلىندى، دەسلەپكى قەدەمدە بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك سايلىنىدىغان 26 كېڭەش ئەزاسى سايلاپ چېقىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە سايلانغان كېڭەش ئەزاسى 14، ۋاسىتىلىك سايلانغان كېڭەش ئەزاسى 12. تەيىنلىنىدىغان يەتتە كېڭەش ئەزاسىنى ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ باش مەمۇرى قانۇن كېڭىشى سايلىمىنىڭ ئومۇمىي ھېسابات نەتىجىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە تەيىنلەيدۇ.
ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 8-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشى سايلىمىدا بېلەت تاشلاش 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 9 دا باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 21 دە ئاياغلاشتى. ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىش كېڭىشى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دائىملىق ئاھالىلىرىدىن تەيىنلىنىدۇ. 1-نۆۋەتلىكتە ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆت يىل بولىدۇ.
2024-يىلى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كېڭىشى سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن تۈزۈم جەھەتتە «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سايلام تەرتىپ ھالقىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سايلامنىڭ ئادىل، ھەققانىي، پاك ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت













中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 8-نۆۋەتلىك قانۇن كېڭىشى سايلىمىدا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك سايلىنىدىغان 26 ئەزا دەسلەپكى قەدەمدە ۋۇجۇدقا كەلدى

ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 8-نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشى سايلىمىنىڭ دەسلەپكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە ئېلان قىلىندى، دەسلەپكى قەدەمدە بىۋاسىتە