ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شاڭخەي «كىرگۈزۈش»، «چىقىرىش» قا قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-15 15:34

شاڭخەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېچىۋېتىشنى ئاساس، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، «كىرگۈزۈش»، «چىقىرىش» داۋامىدا تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ «شاڭخەي ئەۋرىشكىسى»نى ياراتتى.
شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىغا جايلاشقان ئەقلىي مەھسۇلاتلار سۇپىسى تىپىدىكى كارخانىغا كىرگىنىمىزدە، كۆرگەزمە زالىدىكى مەنزىرە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ: يېڭى تىپتىكى يان تېلېفون، دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز خاتىرە كومپيۇتېر، ئەقلىي تېرمىنال قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلار كۆزنى قاماشتۇراتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، كارخانىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 83 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %113 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەل كەسپى ئومۇمىي تىجارەت كىرىمىنىڭ %50 ئىنى ئىگىلىدى. كارخانىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى لى يۈتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شاڭخەينىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىختىساسلىقلىرى، تەمىنات زەنجىرىنى بىرىكتۈرۈش جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كارخانا ماشىنا ئادەم، سانائەت يۇمشاق دېتالى، ئاپتوموبىل ئېلېكتىرونى قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلەتمەكتە.
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، شاڭخەينىڭ قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ئادەتتىكى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %54 تىن %60 كە ئۆرلىدى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئاشتى. «سىرتقا چىقىرىش» تىن باشقا، يەنە «كىرگۈزدى». «14-بەش يىل» دىن بۇيان، شاڭخەي يېڭىدىن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ رايون باش ئىشتابىدىن 279 نى، تاشقى مەبلەغ تەتقىقات مەركىزىدىن 142 نى بېكىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ رايون باش ئىشتابى ئەڭ مەركەزلەشكەن شەھەر بولۇپ قالدى. يېقىندا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر سانائەت يۇمشاق دېتال شىركىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكا تەتقىقات تەجرىبىخانىسىنىڭ شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى لۇجيازۈيگە ماكانلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. شىركەت بۈيۈك جۇڭخۇا رايونى يېڭىلىق يارىتىش كەسپىنى باشقۇرۇش باش نازارەتچىسى سۋايلۇن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ كۆرگىنىمىز بىر يۈكسەك دەرىجىدە ئېچىۋېتىلگەن، بايلىق توپلاشقان، مېخانىزمى جانلىق يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى، يەنە نۇرغۇن سۈنئىي ئەقىل، ئەقلىي ياسىمىچىلىق، رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە جانلىق كارخانا ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان كوللېكتىپ. بۇ خىل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بىزگە ئوخشاش كارخانىلارنى ناھايىتى ياخشى سىناق نۇقتىسى ۋە ھەمكارلىق تۇپرىقى بىلەن تەمىنلىدى.
شاڭخەي ئېچىۋېتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى، قولايلىق تىجارەت-سودا مۇھىتى ۋە كەسپىي مەمۇرى مۇلازىمىتى ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان «ھەمكارلىق تورى»نى داۋاملىق زىچ توقۇپ، كارخانىلارنىڭ دۇنياۋىلىشىش تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى. «14ـ بەش يىل»دىن بۇيان، شاڭخەي ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ جەمئىي 98 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېڭىدىن قۇرۇلغان تاشقى مەبلەغ كارخانىسى 5700دىن ئاشتى. ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ يارقىن نەتىجىسى شاڭخەينىڭ يەر شارى بايلىقىنى جەلپ قىلىش كۈچى ۋە بىرىكتۈرۈش كۈچىنىڭ ئىسپاتى.
جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى لۇجيازۈي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ خەيدۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ سىياسەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشىغا، كەسىپنى كېڭەيتىشىگە، ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى، تۇرمۇش مۇلازىمىتى، ئېكولوگىيە مۇلازىمىتى، ھەتتا ئۇنىڭ كارخانىسىنىڭ تىجارەت جەريانىدىكى ئەمگەك مۇلازىمىتى، ئەمگەكچىلەر مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز، بۇ تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا لۇجيازۈيدىكى «ئائىلە» تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت





中央广播电视总台 央广网 版权所有

شاڭخەي «كىرگۈزۈش»، «چىقىرىش» قا قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى

شاڭخەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېچىۋېتىشنى ئاساس، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ،