ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەنزىرىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-01-26 14:22

يېڭى يىلدا، جايلار ئىستېمالنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەنزىرىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتتى.
يېقىندا، گۈيجۇدىكى تۇنجى ماشىنا ئادەم S6 دۇكىنى گۈيياڭدا شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېچىۋېتىلدى، بۇ يەردە كۆرگەزمە قىلىش، سېتىش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت، تەربىيەلەش بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى 100 خىلدىن ئارتۇق ئالدىنقى قاتاردىكى مۇلازىمەت، مائارىپ تۈرىدىكى ماشىنا ئادەملەر مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ماشىنا ئادەمنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە كەسىپ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇلدى. بۇ يىل، گۈيياڭ سانلىق مەلۇمات بەلگىسى، AI ئەقلىي ئىقتىدارى، چوڭ مودېل قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن 100 دىن ئارتۇق تۇنجى دۇكاننى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى.
بۇ يىل، شەنشى ئۆلكىسى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + سودا سارىيى + كوچا رايونى» يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر تۈركۈم غەربىي شىمال بويىچە تۇنجى دۇكان، مەملىكەت بويىچە تۇنجى دۇكاننى كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. شىئەندىكى شياۋجەي سودا چەمبىرىكىدە، يېڭى مەھسۇلات، مودا ماركا قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۇنجى دۇكانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80 تىن ئاشتى، شۇ جاي يەنە سودىگەرلەرگە ئۆز ئالدىغا لايىھەلەش ھوقۇقى بەردى شۇنداقلا نوپۇسقا ئېلىپ مۇكاپاتلاش، بېزەش ياردەم پۇلى قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ تۇنجى دۇكانلارنى جەلپ قىلدى.
يېڭى يىل باشلانغاندىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل يېڭى كەسىپ ھالىتىنى كېڭەيتىش، يېڭى مەنزىرىنى بېيىتىش سالمىقىنى زورايتتى. كۆكخوتتا، سودا چەمبىرىكى ئىچىدە يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان تەنھەرىكەت باغچىسى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى جەلپ قىلدى، بۇ يەردە مال سېتىۋالغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تەنھەرىكەت، ئارام ئېلىش يېڭى بوشلۇقى بىرلەشتۈرۈلدى. باۋتۇدا، بۇ يىل يېڭىدىن 20 دىن ئارتۇق داڭلىق ماركا تۇنجى دۇكىنى، بايراقدار دۇكان، يېڭىلىق يارىتىش ئۇقۇمى دۇكىنى كۆپەيتىلىدۇ. يېقىندا، بىر باغۋەنچىلىك تۇرمۇش باش تېما سارىيىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى تۇنجى دۇكىنى ماكانلاشتى، 1600 دىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك تۈرى شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار يەنە ئەنئەنىۋى ئىستېمال كوچىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى قاراتمىلىق ئۆستۈرۈپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
خېبېي ئۆلكىسى ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭى ئېھتىياج ئارقىلىق يېڭى تەمىنات بەرپا قىلىپ، مودا، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، چۆكمە تەسىرات قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمالنى مەدەنىيەت-ساياھەت، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارلىق ئامىللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم داڭلىق ماركا دۇكانلىرىنىڭ سودا چەمبىرىكىگە ماكانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارغانسېرى كۆپ ياش ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى.
يېڭى يىل كىرىشى بىلەن شاڭخەيدىكى نۇرغۇن تۇنجى دۇكان، بايراقدار دۇكانلار ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا دۇكانلارنى ئۆزگەرتىپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كوچىلارنى داڭلىق ماركا، مودا يەر بەلگىسىگە ئايلاندۇردى. بۇ يىل، باشلانما ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شاڭخەي يەنە يەر شارىدىكى مەززىلىك تائاملار ماركىلىرىنى جەلپ قىلىشنى چۆرىدەپ، خەلقئارا مەززىلىك تائاملار كوچىسى بەرپا قىلىش، «مەززىلىك تائاملار +» ھېس قىلىش مەنزىرىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم مەخسۇس قوللاش سىياسەتلىرىنى يولغا قويىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەنزىرىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

يېڭى يىلدا، جايلار ئىستېمالنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەنزىرىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتتى.