بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى قۇرۇلۇشى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى پايتەخت بېيجىڭنىڭ يېڭى «ئىككى قانىتى»نىڭ بىرى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئون يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق، بۇ يەر پىلاننىڭ «ئۇل سېلىش مەزگىلى»دىن ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ «يېڭى باسقۇچى»غا قەدەم قويۇپ، بېيجىڭدىن ئىبارەت بۇ مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەختنىڭ يەنە بىر يارقىن شەھەر نام كارتىسىغا ئايلاندى.
يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىدىكى بېيجىڭ توڭجۇ ۋوگزالى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «رېلىس ئۈستىدىكى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي»نىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ زامان-ماكان ئارىلىقىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، ئۈچ جاينىڭ «بىر سائەتلىك تۇرمۇش چەمبىرىكى» دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتتى.
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى پىلان ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر ئوقتىن كۆپ گۇرۇپپا تەشكىللەش» ئەندىزىسىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، مەمۇرىي ئىش بېجىرىش رايونى، قانال سودا رايونى، مەدەنىيەت-ساياھەت رايونى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلارنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، شەھەر رامكىسىنى كۈنسېرى روشەنلەشتۈردى. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت، تۇرالغۇ، قاتناش، داۋالاشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇردى. بېيجىڭدىكى شەھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ۋە كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن مەركىزىي شەھەر رايونىدىن كۆچۈپ كەلدى. 20 نەچچە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى بۇ يەرگە ماكانلاشتى، 3-دەرىجىلىك 8 دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئەتراپتىكى تيەنجىن ۋە خېبېينىڭ رايون، ناھىيەلىرىگە نەپ يەتكۈزدى. بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسىنىڭ تۇڭجۇ دوختۇرخانا رايونىدا 28 خىل ماشىنا ئادەم ئامبۇلاتورىيە، كېسەلخانا، دېزىنفېكسىيە بىلەن تەمىنلەش مەركىزى، ئوپېراتسىيە ئۆيى قاتارلىق رايونلاردا ئىشلىتىلىدۇ، ماشىنا ئادەمنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، %95 دىن ئارتۇق بىمار بەش مىنۇت ئىچىدە دورا ئالالايدۇ.
«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %6 تىن يۇقىرى بولدى. شەرقىي 6-ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى، يەر يۈزىدە يۇقىرى لىنىيە باغچىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ. 600 كىلومېتىرلىق يېشىل يول جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇردى، 10 مىڭ مولۇق سەككىز ئورمان گۇرۇپپىسى شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇردى. چوڭ قانالنىڭ بېيجىڭ-خېبېي بۆلىكىدە 100 يىلدىن كېيىن يەنە قاتناش باشلاندى، ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت ئەسلىھەسى مەركەزلىك پۈتتى، چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىدە ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلاندى، قوشۇمچە مەركەزنىڭ مودا ئېقىم ئالاھىدىلىكى داۋاملىق گەۋدىلەندى، كۆتۈرۈشچانلىقى، جەلپكارلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
«15-بەش يىل»غا يۈزلەنگەندە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى شەھەر ھاياتىي كۈچى بۆلەك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى سودا چەمبىرىكىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىستېمالىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەدەنىيەت، سودا، ساياھەت، تەنتەربىيە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ساياھەت مەنزىلگاھىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ مەزمۇنلۇق، تېخىمۇ سۈپەتلىك زامانىۋى بولغان ياشاشقا، ئىشلەشكە باب كېلىدىغان يېڭى شەھەر رايونىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









