ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يىل دۆلىتىمىز مۇلازىمەت سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تېلېگراف، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-01-27 16:57

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2025-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمالنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ ئەۋرىشملىكى ساقلاندى. بۇ يىل مۇلازىمەت سودىسى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت بازىرىنى ئېچىۋېتىش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
بۇ يىل دۆلىتىمىز مۇلازىمەتچىلىكنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ بازار ئىجازىتى ۋە ئېچىۋېتىش ساھەسىنى كېڭەيتىدۇ. تېلېگراف، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يىل دۆلىتىمىز مۇلازىمەت سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تېلېگراف، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىدۇ

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2025-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمالنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ ئەۋرىشملىكى ساقلاندى.