باش ئىستانسا مىلان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئالدىنقى سەپ خەۋەر ئۆمىكى يولغا چىقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى مىلان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئالدىنقى سەپ خەۋەر ئۆمىكى يولغا چىقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. باش ئىستانسا مىلان-كوردىنا دامپېززو قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئاۋمېن رايونىدىكى بارلىق تاراتقۇلارنىڭ بىردىنبىر ئۇلاپ تارقىتىش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 500 گە يېقىن كىشىلىك ئالدىنقى سەپ خەۋەر بېرىش ئۆمىكىنى ئىتالىيەگە مۇسابىقىنى ئۇلاپ تارقىتىشقا ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارىختا تۇنجى قېتىم قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش ۋە قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش تۈرىنىڭ خەلقئارا ئاممىۋى سىگنال ئىشلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. باش ئىستانسا بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭK 8سىگنالى ئىشلەيدىغان دۇنيادىكى بىردىنبىر تاراتقۇ ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە ئېچىلىش-يېپىلىش مۇراسىمى قاتارلىق تۆت تۈرنىڭ K8 ئاممىۋى سىگنالىنى ئىشلەيدۇ.
مىلان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بۇ يىلقى تۇنجى مەيدان دۇنياۋى كاتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، باش ئىستانسا ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، مۇسابىقە تۈرلىرى تولۇق بولغان يۇغۇرما تاراتقۇ بازىسى بەرپا قىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنى ھەر تەرەپلىمە، چۆكمە شەكىلدىكى مۇسابىقە تەسىراتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل









