ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزدىكى توققۇز چوڭ نۇقتىلىق رايوننىڭ ئېكولوگىيە ئەھۋالى داۋاملىق ياخشىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-01-29 15:28

مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي رايونى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قاتارلىق توققۇز نۇقتىلىق رايوننىڭ ئېكولوگىيە ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ باھالاشنى تاماملىغان. دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدا باش، ئاياق ئېقىنلار تۇتاشتۇرۇلغان، مەركەز بىلەن يەرلىك ماسلىشىپ ئالغا سىلجىتىلىدىغان تۈزەش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى سىجىل ياخشىلانغان، يېپىنچا ئۆسۈملۈك «يېشىل لىنىيەسى» غەربىي شىمالغا تەخمىنەن 300 كىلومېتىر كېڭەيگەن، ئېكولوگىيە ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلانغان. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ غول ۋە تارماق ئېقىن قىرغاق بەلبېغىنى ئېچىش سىجىللىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئەلا دەرىجىلىك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپەت كۆلىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %0.8 ئاشقان. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي رايونىنىڭ تېيىز ۋە چوڭقۇر قاتلىمىدىكى يەر ئاستى سۈيى 2018-يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم 2.59 مېتىر ۋە 7.06 مېتىر ئۆرلىگەن. چىنلىڭ رايونىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بوشلۇقىنىڭ ئەسلىگە كېلىش يۈزلىنىشى %50 تىن ئېشىپ كەتكەن. تىپىك چۆللىشىپ كەتكەن رايونلارنىڭ قۇملىشىش دەرىجىسى تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، خۇاڭخې دەرياسى ئەگمىسىنىڭ قۇملىشىش دەرىجىسى %12.9تۆۋەنلىگەن. نۇقتىلىق رايونلارنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ باھالاش گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىشنى پەن - تېخنىكا تىرىكى ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل








中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزدىكى توققۇز چوڭ نۇقتىلىق رايوننىڭ ئېكولوگىيە ئەھۋالى داۋاملىق ياخشىلاندى

مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي رايونى،