بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى
بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇ، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە ئالاقىدار بولۇپ، گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆلچەم تىرىكىگە ئىگە قىلىدۇ.
«خەلق پۇلى نەقپۇل كىرىم-چىقىمى ۋە مۇلازىمەت بەلگىلىمىسى» 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئادەم كۈچى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇۋېلىش، يۈزتۇرانە مۇلازىمەت قىلىش، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن سودىدا نەقپۇل ئارقىلىق تۆلەشنى قوللاش ھەم يېتەرلىك پارچە پۇل تەييارلاپ قويۇش كېرەك.
«بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش چارىسى» 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، چارىدە، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا پائالىيىتىدە، سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان مەزمۇندا قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلسە، بۇ مەزمۇننى باشقۇرىدىغان ياكى ئىشلىتىدىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى تىجارەتچىلىرىنىڭ مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «تور سودا سۇپىسى قائىدىسىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش چارىسى»مۇ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، سۇپىنىڭ سۇپا قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ، سۇپا ئىچىدىكى سودىگەرلەرنى «پەقەت پۇل قايتۇرۇش»قىلا مەجبۇرلاشقا بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»دا، ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 4-ھەپتىسىنى ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ھەپتىلىكى قىلىش بەلگىلىنىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كۈچەيتىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ دېيىلدى.
«يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋەدىسى بويىچە ئۆلچەمگە يېتىش لاياقەتنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، چارىدە، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، يېڭى چاي، چارۋا-ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم، سۇ مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ۋەدىدىكى ئۆلچەمگە يېتىش لاياقەتنامىسىنى باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، شۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىغا ئىشلىتىش چەكلەنگەن دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى ۋە باشقا بىرىكمىلەرنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكى ھەم ئىشلىتىلگەن نورمال دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى قالدۇقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش نىزامى» 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، نازارەت قىلىش دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش سۇبيېكتى ۋە كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىش، پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان تەكشۈرۈش، قالايمىقان پېچەتلەش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، «مەھەللىلەرنىڭ ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ھەر تەرەپلىمە ئازايتىش ئاممىۋى ئۇچۇر بەلگىسى»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمىمۇ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، بۇ، كۆپ خىل بەلگە تۈرىنى، جۈملىدىن تەبىئىي ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى، جىددىي پاناھلىنىش سورۇنى قاتارلىق ھالقىلىق فۇنكسىيەلىك سورۇن بەلگىسى، تارقاقلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش بەلگىسى، مەھەللىلەرنىڭ ئاپەت خەۋپ-خەتىرى ۋە ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ھەر تەرەپلىمە ئازايتىش خەرىتىسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەكشىلىك خەرىتە بەلگىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









