«خۇالۇڭ 1-نومۇر»نى تۈركۈملەپ قۇرۇش سۈرئەتنى تېزلىتىش باسقۇچىغا كىردى
«خۇالۇڭ 1-نومۇر»دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان 3-ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسى. نۆۋەتتە، «خۇالۇڭ 1-نومۇر»نى تۈركۈملەپ قۇرۇش سۈرئەتنى تېزلىتىش باسقۇچىغا كىرىپ، پاكىز ئېلېكتىرنى داۋاملىق ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئىلغار تېخنىكىلىق جابدۇقلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
2026-يىلى كىرىشى بىلەن، «خۇالۇڭ 1-نومۇر»لۇق فۇجيەن فۇچىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 5-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى پات ئارىدا ماتېرىيال ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك سىناق قىلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ. رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان بەش يىلدا، 43 مىليارد كىلوۋات سائەت پاكىز توكنى سىجىل، مۇقىم يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ مۇقىم يۈرۈشىگە سۇپا ھازىرلاپ بەردى.
جياڭسۇنىڭ تەيساڭدىكى «خۇالۇڭ 1-نومۇر»نىڭ كەسىپ زەنجىرىدىكى كارخانا-سۇجۇ باۋخۇا كېيىنكى ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسى ئۈچۈن مەھسۇلات سىنىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
بۇ كارخانا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىشلىتىلىدىغان ھىملاش ھالقىسى بولۇپ، بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يادرو ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھالقىلىق ئۈسكۈنە. «خۇالۇڭ 1-نومۇر»دىن بۇرۇن، ھەممىسىنى ئىمپورت قىلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ كىچىك كارخانا قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نەچچە ئون مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ تەتقىق قىلىپ، 100 گە يېقىن تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.
بۇ كارخانىغا يىراق بولمىغان جايدا كلاپان ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر كارخانا بار بولۇپ، بۇ كارخانىمۇ «خۇالۇڭ 1-نومۇر»نىڭ يادرولۇق تەمىنلىگۈچىسى. بۇ كارخانىنىڭ سېخىدا ھەر خىل كلاپانلار تولۇق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.
ھازىر «خۇالۇڭ 1-نومۇر»دەۋرىنى ئالماشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەكتە، بۇ كارخانىلارمۇ سىجىل يېڭىلىق ياراتماقتا ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلماقتا.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ «خۇالۇڭ 1-نومۇر»نى تۈركۈملەپ قۇرۇشى سۈرئەتنى تېزلىتىش باسقۇچىغا كىردى. جېجياڭ ساڭنەندە تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى تەڭشەش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە. فۇجيەننىڭ جاڭجۇدا 3-نومۇرلۇق گېنىراتورلار گۇرۇپپىسى پات ئارىدا گۈمبەزسىمان قۇراشتۇرۇلىدۇ. گۇاڭدۇڭنىڭ خۇيجۇ، شەندۇڭنىڭ جاۋيۈەن، جياڭسۇنىڭ شۈيۈ قاتارلىق جايلاردىكى «خۇالۇڭ 1-نومۇر»نىڭ يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇۋاتىدۇ. ھازىر «خۇالۇڭ 1 نومۇر»نىڭ قۇرۇلۇۋاتقان ۋە يۈرۈۋاتقان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ سانى 41 گە يېتىپ، دۇنيادىكى سانى ئەڭ كۆپ يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسىغا ئايلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









