ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ 3-قېتىملىق رېپېتىتسىيەسى تاماملاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-01 10:20

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ 3-قېتىملىق رېپېتىتسىيەسى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. خېيلوڭجياڭنىڭ خاربىن، جېجياڭنىڭ يىۋۇ، ئەنخۇينىڭ خېفېي، سىچۇەننىڭ يىبىندىن ئىبارەت تۆت شۆبە مەيدانىدا نومۇرلار تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىپ، بېيجىڭدىكى ئاساسىي مەيدان بىلەن بىرلىكتە رېپېتىتسىيە قىلىندى. كېچىلىكنىڭ بىر پۈتۈنلۈك تۇيغۇسى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى، ئىجادىي ناخشا-ئۇسسۇل، ئەلنەغمە، چامباشچىلىق قاتارلىق ھەر خىل نومۇرلار رېپېتىتسىيە قىلىش ئارقىلىق يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى، شاد-خۇراملىققا چۆمگەن، شادىيانە كەيپىيات ئىچىدە، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان قىلىندى.
ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى نومۇرلارغا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىي ئىپادىلەش يۇغۇرۇلغان بولۇپ، قەدىمىي ئۇسلۇب تېخىمۇ ھەمتۈرتكىلىك، ئورتاق ھېسسىيات ۋە دەۋر تۇيغۇسىغا ئىگە شەكىلدە نامايان قىلىندى. تۆت شۆبە مەيدان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قار-مۇز بىلەن قاپلانغان جايدىن، چاڭجياڭ دەرياسى ساھىلىغىچە؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇنبەت تۇپرىقىدىن، سودا يېڭى شەھەرچىسىگىچە؛ يېڭىچە ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئىجادىيىتىدە جايلارنىڭ چاغانلىق كەيپىياتى نامايەن قىلىندى. 
 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ 3-قېتىملىق رېپېتىتسىيەسى تاماملاندى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ 3-قېتىملىق رېپېتىتسىيەسى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.