مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ « جېجياڭغا نەزەر» يۈرۈشلۈك يۇغۇرما تاراتقۇ ھەرىكىتى خاڭجۇدا باشلاندى
مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ « جېجياڭغا نەزەر» يۈرۈشلۈك يۇغۇرما تاراتقۇ ھەرىكىتى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى خاڭجۇدا باشلىنىپ، «شەھەر تىياتىر پەسلى» «جۇڭگو مودا مەدەنىيەت دولقۇنى» ۋە «جۇڭگو قىسقا ۋىدىيو يىغىنى» (3-پەسىل) قاتارلىق بىر قاتار ئۆزگىچە يۇغۇرما تاراتقۇ تۈرلىرى يولغا قويۇلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە باش ئىستانسىسىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بىلەن يىۋۇنىڭ ھەمكارلىق تۈرى تونۇشتۇرۇلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









