سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە ئەتىرگۈل تېرىلدى
جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئەنئەنىۋى گۈل ئۆستۈرۈش رايونى بولمىسىمۇ، لېكىن پەن-تېخنىكىنىڭ قۇۋۋەت ئاتا قىلىشى ئارقىسىدا، قاتار-قاتار ئەقلىي پارنىكلار كۈمۈش رەڭلىك دولقۇندەك ئېگىزلىكتە بەرپا قىلىندى، بۇ يەردىكى ئەتىرگۈللەر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلۈپلا قالماستىن، يەنە رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ سېتىلدى. ئەمدى «سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە ئەتىرگۈل تېرىلدى»ماۋزۇلۇق خەۋەر دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
باش باھار ئەمدىلا ئۆتۈشى بىلەن، دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە، سىرتنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى يەنىلا نۆلدىن تۆۋەن، ئۇزاقراق تۇرغاندا، سوغۇق شامال ئادەمنى توڭدىراتتى. لېكىن گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا بەييى يىنۇڭ خەلقئارا گۈل پورتىدىكى ئاپتاپ پارنىكى ناھايىتى ئىللىق بولغاچقا، جاڭ تىڭتىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى يالاڭ كىيىم كىيىپ، ئەپچىللىك بىلەن گۈللەرنى ئۈزۈپ، ئايرىپ، ئوراپ قاچىلاۋاتاتتى.
جاڭ تىڭتىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گۈللەر ناھايىتى ياخشى ئېچىلدى. شىياڭفېي گۈلىنىڭ رەڭگى بەك ئوچۇق. يەنە نائومى گۈللىرى بەك چىرايلىق ئېچىلدى، كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ.
ئەتىرگۈلنى تىلغا ئالغاندا جاڭ تىڭتىڭ ھاياجانلىنىپ سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەتىرگۈلنى تونۇشتۇرۇش خۇددى ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى تونۇشتۇرغانغا ئوخشايدۇ.
جاڭ تىڭتىڭ مۇنداق دېدى: مەن گۈل پورتىغا كېلىپ گۈللەرنى كۆرسەملا ھاياجانلىنىپ كېتىمەن، مەسئۇلىمىز:جاڭ تىڭتىڭ سىزگە نېمە بولدى، كۈلۈپلا تۇرىسىزغۇ، دېدى.
جاڭ تىڭتىڭ گۈل بازىسىغا كېلىشتىن بۇرۇن، ئۆي ئىشىنىلا قىلاتتى، ئەزەلدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ چاغلاردا بىر خالتا تۇز سېتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ سىرتقا چىقمايتى.
جاڭ تىڭتىڭ مۇنداق دېدى: كىچىك بالام دائىم: ئاپا، باشقا بالىلارنىڭ قولىدىكى نەرسىدىن بىرنى ئېلىپ بېرەلەمسىز، دېگەندە مەندە پۇل يوق، دېدىم، بالام ئۇ نەرسىنى ئالمايدىغان بولدى. مەنمۇ ئېلىپ بېرىلمىگەنلىكىمدىن خۇرسۇندۇم.
بالىلىرىنىڭ ئاستا ـ ئاستا چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، جاڭ تىڭتىڭ «سىرتقا چىقىپ ئىشلەش» خىيالىدا بولدى. 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كەنت يېنىدىكى خەلقئارا گۈل پورتى قەد كۆتۈردى، ئۇ ئىشچى قوبۇل قىلغان تۇنجى كۈنىلا تىزىمغا ئالدۇردى.
جاڭ تىڭتىڭ مۇنداق دېدى: غەربىي شىمالدا ئەتىرگۈل تېرىسا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق، بۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقاي دەپ كەلدىم.
لىنشيادا ئىلگىرى ئەتىرگۈل تېرىلمايتتى، ئەمما بۇ يەردە كۈن نۇرى يېتەرلىك، قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقى ئاز كۆرۈلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايون ھەمكارلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئەقلىي پارنىك «دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت»تەبئىيەتكە تايىنىپ جان بېقىش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش، ئەقلىي نۇر تولۇقلاش، رەقەملىك كونترول قىلىش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پەرۋىش قىلىش ...... جاڭ تىڭتىڭ ۋە ئىشچىلار ئۆز كۆزى بىلەن تۈرلۈك ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە گۇۋاھ بولدى.
ئەتىرگۈل 40 كۈندە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، بازىدا كۈنىگە 200 مىڭ تال يېڭى گۈل ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ھازىر كارخانا 500 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، جاڭ تىڭتىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئايال ئىشچى بۇ يەردە ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتىنى تاپتى.
جاڭ تىڭتىڭ مۇنداق دېدى: ئوراش-قاچىلاش ئۆيىمىزدە نۇرغۇن ئىشچىلار بىر ئايدا 5 ـ 6 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالالايدۇ.
چاغان كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئىللىق ئارزۇ پەيدا بولدى. جاڭ تىڭتىڭمۇ بىر يۈرۈش تېرە ئاسراش بۇيۇمى سېتىۋېلىش، بالىسىغا بىر يېڭى يان تېلېفون ئېلىپ بېرىش، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ شىئەنگە بېرىپ شەھەر سېپىلنى كۆرۈپ كېلىشنى ئويلىدى. بۇ «گۈزەل كەسىپ»ئېلىپ كەلگەن نەتىجە، ئۇ ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرنى بەھرىلەندۈردى.
جاڭ تىڭتىڭ: چاغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانام ۋە ئىككى بالامنى ئېلىپ شىئەنگە بېرىپ ئويناپ كېلىمەن، مانا بۇ ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارى، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









