ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«چاغانلىق كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى، يەر شارى بويىچە چاغانلىق كېچىلىككە نەزەر» ناملىق فىرانسىيە مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى، ئافرىقا ئىتتىپاقى مەخسۇس پەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-08 10:31

«چاغانلىق كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى، يەر شارى بويىچە چاغانلىق كېچىلىككە نەزەر» ناملىق فىرانسىيە مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى، ئافرىقا ئىتتىپاقى مەخسۇس پەيدان پائالىيىتى شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى مارسېل شەھىرى ۋە ئەددىس-ئەبىبەدىكى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا ئايرىم-ئايرىم ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، فىرانسىيە مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىنى جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن جۇڭگونىڭ مارسېلدىكى باش كونسۇلخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، فىرانسىيەنىڭ ئۆلكە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، ھەر ساھە ۋەكىللىرى ۋە كۆپ دۆلەتلەرنىڭ مارسېلدىكى باش كونسۇللىرى، جۇڭگو مەبلىغى ئاپپاراتلىرى ۋە جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 1100 كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەتتە يەنە باش ئىستانسا ئات يىللىق چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى ۋە «كىنوغا ئەگىشىپ جۇڭگونى ساياھەت قىلىش»نىڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلدى.
«چاغانلىق كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى، يەر شارى بويىچە چاغانلىق كېچىلىككە نەزەر» ئافرىقا ئىتتىپاقى مەخسۇس پەيدان پائالىيىتىنى جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرى ۋە يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى بۇ پائالىيەتنى خەۋەر قىلدى، قاپلىغان كۆرۈرمەن 600 مىليوندىن ئاشتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«چاغانلىق كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى، يەر شارى بويىچە چاغانلىق كېچىلىككە نەزەر» ناملىق فىرانسىيە مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى، ئافرىقا ئىتتىپاقى مەخسۇس پەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

«چاغانلىق كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى، يەر شارى بويىچە چاغانلىق كېچىلىككە نەزەر» ناملىق فىرانسىيە مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى، ئافرىقا ئىتتىپاقى مەخسۇس پەيدان پائالىيىتى شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى مارسېل شەھىرى ۋە ئەددىس-ئەبىبەدىكى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا ئايرىم-ئايرىم ئۆتكۈزۈلدى.