سانلىق مەلۇمات ئوبوروت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى يېتىلدۈرىلىدۇ
دۆلەتلىك سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، گوڭئەن مىنىستىرلىقى، ئاكسىيە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى بىرلىكتە «سانلىق مەلۇمات ئوبوروت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇش، قىممەتلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۈچ خىل سانلىق مەلۇمات ئوبوروت مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى يېتىشتۈرىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى.
سانلىق مەلۇمات ئوبوروت مۇلازىمەت ئاپپاراتى سانلىق مەلۇمات تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن ئېھىتياجلىق تەرەپنى تۇتاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات ئوبوروت سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات ئامىلىنى بازارلاشتۇرۇش، قىممەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئاساسىي گەۋدە. ئۈچ خىل سانلىق مەلۇمات ئوبوروت مۇلازىمەت ئاپپاراتى سانلىق مەلۇمات سودا ئورنى (مەركىزى)، سانلىق مەلۇمات ئوبوروت مۇلازىمەت سۇپىسى كارخانىسى، سانلىق مەلۇمات كارخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات ئوبوروت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل كارخانىلىرى قاتارلىقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپ سانلىق مەلۇمات توپلاش، تۈزەش، مودېل مەشىقى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاش كېرەك.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









