چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا جايلاردا چاغان پۇرىقى قويۇق بولدى
چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسىا جايلىرىغا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ، ھەممە يەر بايرام شادلىقىغا چۆمدى. كىشىلەر چاغانلىق مال تەييارلاپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەيپىياتى، ئېسىل تائاملاردىن ھوزۇرلىنىپ، چاغاننى كۈتىۋالدى.
رەڭدار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ چاغان كۈتىۋېلىندى. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. نەق مەيداندا داقا ـ دۇمباقلار چېلىنىپ، ئەجدىھاھ ئۇسۇلى، ياڭگېر ئۇسسۇلى قاتارلىقلار ئارقا ـ ئارقىدىن ئوينىلىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى؛ قەغەز قىيما، سىر رەسىم، ياغاچ ئويما قاتارلىق نەپىس، ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۈيۈملىرى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئەنخۇينىڭ يىڭشاڭدا ئۆرپ - ئادەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن كوچا ئويۇنى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، يىڭشاڭنىڭ خۇاگۇ پانۇسى، قولۋاق ھەيدەش قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. شەندۇڭنىڭ بوشىڭدا كىشىلەر بەلدۇمباق چېلىپ، ياڭگېر ئۇسسۇلى، ئەجدىھا، شىر ئۇسسۇلى ئويناپ چاغاننى كۈتىۋالدى. جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىنىڭ لىنجياڭ كوچىسىدىكى چاغانلىق سەيلە پائالىيىتىدە خېمىر بىلەن قونچاق ياساش، چاغانلىق مەسنەۋى يېزىش، ئائىلە بويىچە سۈرەتكە چۈشۈش قاتارلىق قىزىقارلىق پائالىيەتلەر كۆپچىلىكنى جەلپ قىلدى. كىشىلەر جياڭسۇنىڭ جىڭجياڭ جىشى قەدىمىي بازىرىدا قەدىمىي بازارنى ئايلىنىپ، ئويۇن كۆرۈپ، مول مەزمۇنلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى.
چاغانلىق بازار ئىنتايىن قىززىدى. جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە 150 يىللىق تارىخقا ئىگە لېشەن بازىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى، توڭلىتىلغان نەشپۈت، شىياۋبېنجى، قۇرۇق موگۇ قاتارلىق شەرقىي شىمال ئالاھىدىلىكىگە ئىگە چاغانلىق ماللار ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى. نىڭشيانىڭ شىجىدا كىشىلەر بازار ئايلىنىپ، ئېسىل تائاملارنى تېتىپ، ساليوت سادالىرى ئىچىدە قويۇق چاغان كەيپىياتىنى ھېس قىلدى. گۇاڭدۇڭنىڭ ياڭجياڭدا مەدەنىيەت ساياھەت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نەچچە مىڭ خىل چاغانلىق بۇيۇم توپلىنىپ، شۇ جايدىكى ئامما كۆپ مەنبەلىك چاغانلىق مال تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. فۇجيەننىڭ ئەنشىدا چاغانلىق مال بازىرىدا يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى مول ئىدى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئېسىل تائاملارنىڭ پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. چاغانلىق گۈل كۆرگەزمە رايونىدا كېپىنەكسىمان ئورخىدىيە، چوڭ گۈللۈك پاكار پىچانگۈل قاتارلىق رەڭگارەڭ گۈللەر قويۇلغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، چاغاندا ئۆيلىرىنى گۈللەر بىلەن بېزىدى. جياڭشىنىڭ جىئەندە چاغانلىق مال يايمىلىرى رەت - رەت تىزىلغان بولۇپ، يەرلىك تائام، قولدا پىشۇرۇلغان پىشۇرۇق، يېڭى مېۋە - كۆكتات قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىق ھەر خىل ئېسىل بۇيۇملار كۆزنى قاماشتۇراتتى.
ھەممە يەردە چىراغلار چاقناپ، چاغان پۇرىقى قويۇق بولدى. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شۈەنئېن شەھىرىدە تۇجيا مىللىتىنىڭ ئۆرپ - ئادەت ئامىللىرى بىلەن زامانىۋى چىراغ نۇرى سەنئىتى ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسىي تېمىلىق چىراغلار كۆزنى قاماشتۇرۇپ، بايرام كۈنلىرىدىكى رەڭدار كېچىلىك مەنزىرىنى نامايان قىلغان ئىدى. شىنجاڭنىڭ قەشقەردە چوڭ قىزىل پانۇس، جۇڭگو تۈگۈچى كوچا ـ كويلارغا ئېسىلغان بولۇپ، چاغان پۇرىقى قويۇق، ھەممە جاي شادلىققا، ئىناق چاغانلىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە چاغانلىق پانۇس سەيلىسى رەسمىي باشلاندى، پانۇس سەيلىسىدە ئات يىلى باش تېمىسى چۆرىدىلىپ، شېنياڭ گۇگۇڭ سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش ئامىللىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەقىشلىرى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت بەلگىلىرى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇش ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، جانلىق بايرام كەيپىياتى نامايەن قىلىندى. خېنەننىڭ كەيفېڭ چىڭمىڭ شاڭخې باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىلقى پانۇس كۆرگەزمىسىدە دۆلەت ئالاھدىلىكى، دۆلەت قىياپىتى باش تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى، ساياھەتچىلەر قانغۇچە پانۇس سەيلىسى قىلدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى









