چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى يېڭى يىلدا جۇڭگوغا كۆپلەپ مەبلەغ سالدى
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى جۇڭگودا مەبلەغنى كۆپەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىپ، يېڭى كەسىپلەرنى كېڭەيتىپ، كۈچىنى تولۇق ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتتى.
جۇڭگونىڭ «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىدىكى «شەرق شامىلى»دىن پايدىلىنىپ، فىنلاندىيەدىكى بىر كارخانا لىفىتنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى جۇڭگودىكى كەسپىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بىر ئېيىدا، كارخانىنىڭ جۇڭگودىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 80 نەچچە شەھەردە يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش تۈرى ئۈچۈن تەمىنلىگەن لېفىت 1000 دىن ئاشتى.
دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈرئىتىنى تېزلىتىش چوڭ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەرگە يەنىمۇ مەركەزلەشتى. ھازىر يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە مەبلەغ كىرگۈزۈشنىڭ دۆلىتىمىز پايدىلانغان چەتئەل مەبلىغىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %30 تىن ئېشىپ كەتتى.
جۇڭگو گېرمانىيە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «سودا ئىشەنچىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى %93 گېرمانىيە كارخانىسى جۇڭگو بازىرىدا داۋاملىق يىلتىز تارتىشنى پىلانلىغان، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى زورايتىدىكەن. گېرمانىيەدىكى بىر كارخانىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سالغىنىغا 20 يىل بولدى، كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى بۇ يىل پايدىنى ياخشى ئىشلىتىپ قايتا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا ئۈچ قېتىم كەلدى.
پۇختا كەسىپ ئاساسى، كەڭ بازار ئىستىقبالى ۋە ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىۋاتقان سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى جۇڭگونى داۋاملىق خەلقئارا كاپىتالنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتۈردى. جۇڭگو-ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئېلان قىلغان 2026-يىللىق «جۇڭگو سودا مۇھىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، %80 كارخانا جۇڭگودا يادرولۇق كەسىپلەرنى داۋاملىق چوڭقۇر ئېچىشنى مۇھىم نىشان قىلغان، يېرىمدىن ئارتۇق كارخانا يېڭى مەھسۇلات مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ياكى يېڭى خېرىدارلار توپىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغان.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل









