ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېزىلىق ئاشپەز گۇڭ ياۋجۈننىڭ ئىس-تۈتەك ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-15 10:20

تۆۋەندە «چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش»ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەرنىڭ، نىڭشيانىڭ گۇيۈەندىكى كۆچمە ئاشخانا تىجارەتچىسى گۇڭ ياۋجۈن تونۇشتۇرۇپ يېزىلغان «يېزىلىق ئاشپەز گۇڭ ياۋجۈننىڭ ئىس-تۈتەك ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتى» دېگەن قىسمى دېققىتىڭلاردا بولىدۇ.
چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىبالى يېزىسىدا توي-تۆكۈن ئىشلىرى  ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، نىڭشيانىڭ گۇيۈەندىكى كۆچمە ئاشخانا تىجارەتچىسى گۇڭ ياۋجۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
بىر مەيدان زىياپەتتە، كۆكتات سېتىۋېلىش، ماتېرىيال تەييارلاشتىن توي بولغان ئۆيگە بېرىپ چېدىر تىكىپ، ئۈستەل راسلاپ، داستىخان سېلىشقىچە، ئاز بولغاندا ئىككى كۈن، كۆپ بولغاندا تۆت كۈن كېتىدۇ. ئەتىگەن سائەت سەككىزدە، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ئۆيى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. بەش ياردەمچى ئاشپەز، گۇڭ ياۋجۈن ئەر-خوتۇن ئىككىسىنى قوشقاندا، يەتتە كىشى ئىشقا كىرىشتى.
بۇ زىياپەت يېقىندىلا ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، ئورنى 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لۇڭدې ناھىيەسى شاتاڭ بازىرى شۈگۇ كەنتىدە.
2015-يىلى كۈزدە گۇڭ ياۋجۈن نەنتۈن كەنتىگە كەلگەن مەزگىلدە مۇقىم كىرىم مەنبەسى يوق ئىدى، لېكىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى تېزلا ياخشىلاندى. 2016-يىلى قىشتا گۇڭ ياۋجۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل يىغىپ نىمكەش كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋالدى. يېڭىدىن گۈللەنگەن يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بېرىش، كۆچمە تاماق ئاپتوموبىلىدا يېزا زىياپىتى ئۆتكۈزۈش، كېيىن ئىش ۋە ماتېرىيالنى ھۆددىگە ئېلىش ئارقىلىق گۇڭ ئاشپەزنىڭ نامى بارغانسېرى يىراققا تارقالدى. كۆچمە تاماق ئاپتوموبىلىنىمۇ بىردىن ئىككىگە كۆپەيتتى، ياردەمچى ئاشپەزلەرنىمۇ دەسلەپكى ئىككى ئادەمدىن ھازىر 30 نەچچە ئادەمگە كۆپەيتتى.
گۇڭ ياۋجۈن مۇنداق دېدى: بۇ كەسىپمۇ بەك جاپالىق، سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتىمىز، بىز بىر كوللېكتىپ، پۇل تاپساق كۆپچىلىك تەڭ بۆلشىمىز.
ئەتىگەن سائەت يەتتىدە بىر كۆچمە تاماق ئاپتوموبىلى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئولتۇرغان ئىككى پىكاپ كەنت ئېغىزىدىن چىقتى. ئىككى سائەتتىن كېيىن يول باشلاش سىستىمىسى ئۇلارنى شۈگۇ كەنتى 6- گۇرۇپپىسىدىكى پائالىيەت مەيدانىغا ئېلىپ باردى، ئىككىنچى كۈنىدىكى زىياپەت مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلەتتى.
بىر كەنت ئاھالىسى مۇنداق دېدى: چوڭ ئائىلىگە ئوخشاش بىللە ئولتۇرۇپ، خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدۇق، بەك ياخشى بولدى.
زىياپەت ئاخىرلىشىشىغىلا، ئىككى ئادەم ئاشپەز گۇڭ ياۋجۈننى ئىزدەپ ئىككى مەيدان زىياپەت زاكاز قىلدى.
گۇڭ ياۋجۈن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپلا كۆپچىلىكنىڭ مائاشىنى بەردى.
گۇڭ ياۋجۈننىڭ ئايالى چېڭ خەيليەن: بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، دېدى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېزىلىق ئاشپەز گۇڭ ياۋجۈننىڭ ئىس-تۈتەك ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتى

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىبالى يېزىسىدا توي-تۆكۈن ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، نىڭشيانىڭ گۇيۈەندىكى كۆچمە ئاشخانا تىجارەتچىسى گۇڭ ياۋجۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.