چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو زېمىنىدا پانۇس ۋە رەڭدار لېنتىلار ئېسىلىپ، چاغان شادلىقىغا چۆمدى
چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ، چاغان شادلىقىغا چۆمۈلدى.
چاغان ھارپىسىدا تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى. ياڭليۇچىڭ رەسىم دۇكىنىدا چاغانلىق رەسىم سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. تيەنجىن شەھىرى ئاھالىسى تيەن جىنيۇڭ: چاغانلىق رەسىم سېتىۋېلىش بىزنىڭ ئۆرپ- ئادىتىمىز، بەك خۇشال بولدۇق، دېدى.
ياڭليۇچىڭ رەسىم جەمئىيىتىنىڭ ياغاچ بەت سۇ باسما ۋارىسى سۇ لىيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياڭليۇچىڭ رەسىم دۇكىنى ئات يىلى ئۈچۈن ھەر خىل رەسىم نۇسخىسىنى بازارغا سالدى، خېرىدارلار بۇ يەردە رەسىم بېسىش جەريانىنى ھېس قىلالايدۇ. كۆپچىلىك چاغانلىق رەسىملەرنىڭ قانداق بېسىلغانلىقىنى يېقىندىن ھېس قىلىپ، بۇ گۈزەل رەسىملەرنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىدۇ.
خۇبېينىڭ شيەننىڭ تۇڭشەن ناھىيەسى جياڭيۈەن كەنتىدە، ئالاھىدە ياسالغان 218 ئورۇندۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، 456 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئالتۇن رەڭلىك غايەت زور ئەجدىھا ياسالدى، كۆپچىلىك دەريا بويىنى بويلاپ، قەدىمىي كوچىنى كېسىپ ئۆتۈپ ماڭدى. پائالىيەتنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋاڭ دىڭجاۋ: ھەر يىلى چاغان كەلگەندە، يۇرتقا قايتىپ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىمىز، دېدى.
چاغان قاينام-تاشقىنلىق كەيپىياتتىلا ئەمەس، يەنە مەززىلىك تائاملاردىمۇ ئىپادىلەندى. خۇبېينىڭ ماۋجيەن رايونىدىكى چاغانلىق ماللار بازىرىدا موگۇ، ياۋا ھەسەل قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يۈز خىلدىن ئارتۇق چاغانلىق ماللار ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى. شىيەن شەھىرى ئاھالىسى چېن خانىم: ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرگە سوۋغا قىلاي دەپ نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم، دېدى.
خېيلوڭجياڭ سۈيفېنخې چېگرا ئېغىزى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا يۇرتىغا قايتقان يولۇچىلار چاغانلىق ماللارنى ئېلىپ تاموژنىدىن تەرتىپلىك ئۆتتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە ئۆيگە قايتىش خۇشاللىقى جىلۋىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەر ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، چاغاننىڭ قاينام-تاشقىنلىقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلدى، ناتاشا دەل شۇلارنىڭ بىرى. ناتاشا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە قوشنا، بىزنىڭ يەنىلا بىر قىسىم ئورتاق ئۆرپ ئادىتىمىز بار، ھەممىمىز يېڭى يىلنى قىزغىن كۈتۈۋالىمىز. چاغاندىن كېيىن جۇڭگونىڭ يۈەنشياۋ بايرىمى بولىدۇ، نۇرغۇن رۇسىيەلىك دوستلار كېلىپ ساليوت ئويۇنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









