ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىستېمال دولقۇنىنى ئۇرغۇتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-17 08:57

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئەلالاشتۇرۇلغان، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «دۆلەت تولۇقلىمىسى» سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. سودا مىنىستىرلىقى توققۇز تارماق بىلەن بىرلىشىپ پىلانلىغان «چاغاندا خۇشال مال سېتىۋېلىش»چاغانلىق ئالاھىدە پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلاندى، بۇنىڭدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، مۇكاپاتلىق تالون، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق مەدەت بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل سوۋغات بۇيۇمى يولغا قويۇلۇپ، چاغانلىق ئىستېمالغا قۇۋۋەت ئاتا قىلىندى.
2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتىگەندە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى مەلۇم چوڭ ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىش مەيدانى «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»ئۈچۈن كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن لىق تولدى. فېڭ خانىم مۇنداق دېدى: ئۈچ دانە كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنى 500 يۈەنگە ئۆتكۈزۈپ بەردىم، بۇنىڭغا ھۆكۈمەتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تولۇقلىمىسىنى قوشقاندا يەنە 1500 يۈەنگە ئىگە بولدۇم.
يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ قۇلايلاشتى، يېشىل ئەقلىي بولۇشقا يۈزلەندۈرۈلدى. سىچۈەننىڭ چېڭدۇدىكى بىر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش مەيدانىدا، ئىستېمالچى شياڭ ئەپەندى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى بەلگىسىنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ، ئاخىرىدا 1-دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمىگە ئىگە توڭلاتقۇنى تاللىدى. شياڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: دۆلەت 1-دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمىگە ئىگە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا %15 تولۇقلىما بېرىدۇ، مەن كۆرگەن بۇ توڭلاتقۇ دەل 1ـ دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، يۇقىرى بولغاندا 1500 يۈەن تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولالايمەن،بۇ ھەم مۇھىت ئاسرايدۇ ھەم ئەرزان.
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ  مۇئاۋىن مىنىستىرى شېڭ چيۇپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇنجى تۈركۈمدىكى 62 مىليارد 500 مىليون يۈەن دۆلەت تولۇقلىما مەبلىغى جايلاردىكى سودا تارماقلىرىغا يەتكۈزۈلدى. چاغانلىق توققۇز كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جايلارنىڭ تولۇقلىما بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سىياسەت تەلىپى بويىچە تولۇقلىما ئىلتىماس قىلىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يېقىندا سودا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى 50 شەھەردە مۇكاپاتلىق تالون سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشنى بېكىتتى، چاغانلىق توققۇز كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مۇكاپات كۆلىمى بىر مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىستېمال دولقۇنىنى ئۇرغۇتتى

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئەلالاشتۇرۇلغان، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «دۆلەت تولۇقلىمىسى» سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.