95-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان غەۋۋاس بىلەن مىڭ يىللىق بەيخېلياڭنىڭ سۇ ئاستىدىكى ئۇچرىشىشى
چۇڭچىڭ بەيخېلياڭ سۇ ئاستى مۇزېيى دۇنيا بويىچە سۇغا چۆكمەيلا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان تۇنجى سۇ ئاستى خارابىسى مۇزېيى، بۇ يەردىكى تېما ئويمىسىغا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ 1200 يىلدىن ئارتۇق قۇرغاق سۇ رايى سانلىق مەلۇماتى خاتىرىلەنگەن. يەرلىكنىڭ ئىجادچانلىقى بىلەن «بېسىمسىز قاچا»پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، سۇ ئاستىدىكى تېما ئويمىسى ئەسلىي ئورنىدا قوغدالغان بولۇپ، بۇنىڭدا غەۋۋاسلارنىڭ قەرەللىك ئاسراش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندە «چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنىڭ «95-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان غەۋۋاس بىلەن مىڭ يىللىق بەيخېلياڭنىڭ سۇ ئاستىدىكى ئۇچرىشىشى»دېگەن قىسمى دېققىتىڭلاردا بولىدۇ
چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، چۇڭچىڭ بەيخېلياڭ سۇ ئاستى موزىيى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. غەۋۋاس جاۋ چۈنشيا بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھەر بىر مەزگىلدە سەپداشلىرى بىلەن سۇ ئاستىدىكى 30 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قوغداش گەۋدىسىگە كىرىپ سۇ ئاستىدىكى تېما ئويمىسىنى تازىلايدۇ.
جاۋ چۈنشيا مۇنداق دېدى: ئۇنى بىر بوتۇلكا دەپ تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز، ئاشۇ بوتۇلكا ئېغىزىدىن ئۆتىشىڭىز كېرەك، ئىككىنچى كىرىش-چىقىش ئېغىزى يوق.
جاۋ چۈنشيا سەپداشلىرى بىلەن دىئامېتىرى ئىككى مېتىردىن ئاشىدىغان شارسىمان بېسىم تۆۋەنلىتىش بۆلمىسىگە كىردى، بۇ ئۇلارنىڭ سۇ ئاستىدىكى قوغداش گەۋدىسىگە كىرىپ چىقىدىغان بىردىنبىر يولى.
بۆلمە سىرتىدا، بەيخېلياڭ سۇ ئاستى مۇزېيى ئۈسكۈنە باشقۇرۇش بۆلۈمىدىكى ۋۇ ۋېي سېستىمىنى تەرتىپلىك كونترول قىلىپ، بۆلمە ئىچىگە بېسىم بەردى. يەتتە-سەككىز مىنۇتتىن كېيىن، جاۋ چۈنشيا ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى 30 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ ئاستىدىكى بېسىمغا تەدرىجىي ماسلاشتى.
جاۋ چۈنشيانىڭ سىماسى كۈزىتىش ئاپاراتىدا غايىپ بولدى، ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدا پەقەت كۈچەيتىلگەن نەپەس ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇمۇ ۋۇ ۋېينىڭ كۈزىتىشىدىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ ئىدى.
بىز ئېكىسكۇرسىيە يولىدىكى مەنزىرە كۆرۈش دېرىزىسىدىن مەشغۇلات قىلىۋاتقان جاۋ چۈنشيانى كۆردۇق. ئۇ يۇمشاق ماتېرىيالدىن ياسالغان يىپ پەلەي كىيىپ،بەيخېلياڭنىڭ يۈز قىسمىنى يېنىك سۈرتتى. تېما ئويمىسىغا يېپىلغان بىيولوگىيەلىك پەردىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، تېما ئويمىسىنىڭ مەزمۇنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە روشەنلەشتى.
سۇغا چۆككەندە، غەۋۋاسلارنىڭ تۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن ياكى سۇ بەك چوڭقۇر بولۇپ كەتسە بەدەنگە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، جاۋ چۈنشيا خىزمەتداشلىرى بىلەن سۇ ئاستىدا 45 مىنۇت ئەتراپىدا خىزمەت قىلىپلا بېسىم تۆۋەنلىتىش بۆلمىسىگە قايتىپ كېلىپ، يۇقىرى بېسىملىق مۇھىتتا بەدەندە ئېرىگەن ئازوت گازىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتتى.
50 نەچچە مىنۇتتىن كېيىن بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئاخىرلاشتى.
ھەر قېتىملىق سۇغا چۆكۈش مەشغۇلاتىدا بېسىمنى ئاشۇرۇش، بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئېلىپ كەلگەن بىئاراملىققا ماسلىشىپلا قالماي، يەنە قىش پەسلىدىكى دەريا سۈيىنىڭ مۇزدەك سوغۇقىغا بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن جاۋ چۈنشيانىڭ نەزىرىدە، قىزغىن ئىشتىياق ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، دەريا ئاستىدىكى مىڭ يىللىق بەيخېلياڭ يالغۇز، تاش لىم بولماستىن، بەلكى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان رىشتىنى تۇتاشتۇردى. ھەر بىرتېما ئويمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسراش غەۋۋاسلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. چۇڭچىڭ بەيخېلياڭ سۇ ئاستى مۇزېيىنىڭ باشلىقى جياڭ رۈي: ئۇلار بولمىغان بولسا، بۇ تاش لىم، بۇ مەڭگۈلۈك ئەسلىمە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالدىدا بۇنداق ئېنىق نامايان بولمىغان بولاتتى، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









