2026-يىللىق چاغانلىق كىنو بېلىتى كىرىمى 400 مىليون يۈەندىن ئاشتى
2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىگىچە، 2026-يىللىق چاغانلىق كىنو بېلەت كىرىمى 430 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. چاغانلىق كىنو كۆرۈش تەدرىجىي «يېڭى يىللىق ئادەت» كە ئايلىنىپ، «كىنو +» ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسىنى يەنىمۇ جانلاندۇردى.
2026-يىللىق چاغانلىق كىنو 9 كۈن قويۇلۇپ، تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن چاغان رېكورتى يارىتىلىدۇ، ھەر بىر كىنو روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. «جۇڭگو كىنو گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ جىنفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى چاغانلىق يېڭى كىنولارنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ھازىر سەككىز يېڭى كىنو بىلەن بىر قايتا قويۇلىدىغان كىنو قوشۇلۇپ، جەمئىي توققۇز كىنو قويۇلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









