جايلاردا كىشىلەر چاغاننى خوشال-خورام ئۆتكۈزدى
جۇڭگو زېمىنىدا پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلدى، كىشىلەر بۇتخانا سەيلىسى قىلىپ، چاغانلىق ئۆرپ-ئادەتلەرنى تاماشا قىلىپ، جەم بولۇشنى تەبرىكلەپ، ئات يىلىدىكى چاغاننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى.
جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى يۈخاڭ رايونى شيەنبەيكېڭ كەنتىدە، سەككىز خىل رەڭدىكى 16 دانە بېلىق پانۇسى كەنتلەر ئارا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بېلىق پانۇسى پىرقىراپ، رەڭگارەڭ نۇر چېچىپ، ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن ئىدى. كەنت ئاھالىسى پەن شيايەن مۇنداق دېدى: مەن بېلىق پانۇسى ئويۇنىنى كۆردۈم، كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك، كەيپىيات ناھايىتى ياخشى بولدى.
جاراڭلىق داقا-دۇمباق ساداسى ئىچىدە، ئاياللار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى يەڭگىل، ياخشى ماسلىشىپ، بەختنىڭ مەنىسىنى ئويۇنغا سىڭدۈردى. ئاياللار تا بېلىق پانۇسى ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاۋ يۇمېي مۇنداق دېدى: مەن ئۇسسۇل ئويناۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولدى، بىز ناھايىتى خۇشال، ھەر يىلى چاغاندا بېلىق پانۇسى ئۇسسۇلى ئوينايمىز، بۇ يېڭى بىر يىلدا يامغۇر-يېشىننىڭ ياخشى بولۇشى، زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىنىشىغا، يىلدىن-يىلغا باياشات ياشىشىمىزغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قىپقىزىل پانۇس، جۇڭگو تۈگۈچى ۋە ئات يىلى باش تېمىسىدىكى بېزەكلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، قويۇق چاغان پۇرىقى ھەممە يەرنى قاپلىدى. ئارتىسلار ئەنئەنىۋى كىيىم -كېچەكلەرنى كىيىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەر بىر ساياھەتچىنى كۈتىۋالدى. بېيجىڭلىق ساياھەتچى ماۋ خانىم مۇنداق دېدى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چاغان كەيپىياتى ناھايىتى ياخشىكەن، چاغاندا بۇ يەرنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولدى.
خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى جىڭشىڭ كان رايونىدا 2026-يىللىق كوچا ئويۇنى قىزىپ كەتتى. ئارتىسلار ناھايىتى چەبداس بولۇپ، پىششىق ماھارىتى ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا چاغانلىق خوشاللىق ۋە بەخت ئاتا قىلدى. شىجياجۇاڭ شەھىرى ئاھالىسى شۈ شىنكې مۇنداق دېدى: بۈگۈن كان رايونىنىڭ كوچا ئويۇنىنى كۆرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، نەق مەيدان بەك قىزىپ كەتتى، ئويۇن ئىنتايىن قالتىس بولدى.
گۇاڭشىنىڭ خېچى شەھىرى باما ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى جياجۇەن بازىرى پويۆ كەنتىدە ئۆزگىچە مىڭ كىشىلىك ئۇزۇن ئۈستەل زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى. 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈستەل كەنت يولىنى بويلاپ رەت-رەت قويۇلغان بولۇپ، ھەر خىل ئېسىل تائاملار ئۈستەلگە تىزىلغان، خۇش پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالغان ئىدى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 2000 دىن ئارتۇق ساياھەتچى، مىللىيچە كىيىنگەن يەرلىك ئامما بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، قەدەھ كۆتۈرۈپ چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. خېيلۇڭجياڭلىق ساياھەتچى خەن شۆمېي مۇنداق دېدى: ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بىز ئەزەلدىن بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ باقمىغان، مەن بۈگۈن بەك خۇشال بولدۇم.
جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرى سۈيچۈەن ناھىيەسى تاڭخۇ بازىرى گاۋتاڭ كەنتىدە كېجيالارنىڭ مىگو سوقۇش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى. كەنت ئاھالىلىرى نومى گۈرۈچىنى تاش ئوغۇرغا تۆككەندىن كېيىن، ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار نۆۋەت بىلەن سوقتى، نەق مەيدان ئىللىق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. كەنت ئاھالىسى شۈ نيەنگو مۇنداق دېدى: مەن مالايسىيادىن چاغان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم، كېجيالار مەيلى قانچىلىك يىراققا بارسۇن، چاغاندا چوقۇم سىبا سوقۇشى كېرەك! مانا بۇ بىز ئەڭ سېغىنىدىغان جۇڭگو چاغىنى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار









