باش ئىستانسىنىڭ «2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» كۆرسىتىلدى
چاغان خوشال-خورام كۈتۈۋېلىندى، تۇلپار كەلگۈسىگە قاراپ چاپماقتا! 2-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ سائەت 8 دە، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» كۆرسىتىلدى، كېچىلىك پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار ۋە چەت ئەللەردىكى دوستلارنىڭ جەم بولىدىغان، گۈزەل، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جۇڭگونىڭ چاغىنىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىشىگە جۆر بولدى.
دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، سائەت نۆلگە قەدەر، باش ئىستانسىنىڭ ئات يىلىدىكى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى ئومۇمىي تاراتقۇلاردا بىۋاسىتە كۆرگەنلەر 677 مىليونغا يەتكەن، يېڭى تاراتقۇلاردا بىۋاسىتە كۆرۈش قېتىم سانى 13 مىليارد 500 مىليون قېتىمغا يەتكەن. باش ئىستانسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئابونىچى تېرمىنالىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىش مىقدارى 578 مىليون قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 53 مىليون 390 مىڭ ئادەم قېتىم ئاشقان. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە چېتىلىدىغان چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ تىلغا ئېلىنىش نىسبىتى %23.78 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.88 ھەسسە ئاشقان. ياشلارنىڭ ئومۇمىي تاراتقۇلاردا بىۋاسىتە كۆرۈش نىسبىتى %43.7كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشقان.
چەت ئەلدىكى تەسىر كۈچى يەنىمۇ كېڭەيدى، چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى چەت ئەللەردە بىۋاستە كۆرسەتكەن تاراتقۇ 4000 غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.95 ئاشتى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ چەت ئەلدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىش مىقدارى 87 مىليون 290 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 كە يېقىن ئاشتى.
«2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» «ئات ئۈستىدىكى مۆجىزە» ناملىق ئويۇن بىلەن باشلاندى، ئۇسسۇلچىلار جانلىق رېتىم، قامچا ئوينىتىپ ئات چاپتۇرۇش ھاياتىي كۈچى بىلەن مەيدانغا چىقىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى نامايەن قىلدى.
«گۈل ئىلاھى» ناملىق ناخشىدا «گۈل» كۆرۈنۈش قىلىنىپ، AI ئارقىلىق سۈرەت ھاسىل قىلىش ۋە ئەمەلىي مەنزىرە سەھنىسىنى كېڭەيتىش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، «ئاي، ئادەم، مەنزىرە ھاسىل قىلىش، گۈل، ھالەت، بىر كۆرۈش» تىن ئىبارەت كۆرۈش سېزىمى مەنزىرىسى بارلىققا كەلتۈرۈلدى، تاماشىبىنلار: «كۆرۈنۈشلەرنىڭ گۈزەللىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، ئىپادىلەنگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ رومانتىك شېئىر مەدەنىيىتىمۇ كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ»، دېيىشتى.
جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە، ئات قەيسەرلىك، جەسۇرلۇق بىلەن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلەش، گۈللەپ تەرەققىي قىلىش ئىستىقبالىنى نامايان قىلىدۇ. «چېپىۋاتقان تۇلپارلار» ناملىق ناخشا تاماشىبىنلارغا يايلاقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى، ئارتىس ئۇرىنا مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىمقى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە يايلاقتىكى خەلقنىڭ ئەڭ قىزغىن تىلىكىنى يايلاق خەلق ناخشىسى ئارقىلىق كۆپچىلىككە يەتكۈزدۇق.
ئات يىلىدىكى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە ئات ئامىلى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلدى، باش تېما ۋە بەلگىدىن سەھنە سەنئەت قۇرۇلمىسىغىچە، يەنە كونكرېت نومۇرلاردىكى تۈرلۈك ئات ئامىللىرىغىچە، ئات يىلىدىكى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى بىر مەيدان «ئات» زىياپىتى ئېلىپ كەلدى.
ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم بۇ يىل يەنە چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە سەھنىگە چىقتى، «گۇمپا BOT» ناملىق پروگراممىدا «چامباشچىلىق ماھىرى»نىڭ رولى نامايەن قىلىندى، ئۇنىڭدا جۇڭگو ئەقلىي ياسىمىچىلىقىنىڭ كۈچلۈك يادرولۇق كۈچى بىلەن جۇڭخۇا چامباشچىلىقىنىڭ مىڭ يىللىق روھى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، مەركىزىي رادىئو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «2026ـ يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ باش رېژىسسورى يۈ لېي مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى ياكى رەقەملەشكەن تۇنجى يىلىنى باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىك بۇ يىلقى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى باشلانغاندا، بۇ دەۋرگە مەنسۇپ نۇرغۇن يېڭى ئىجادىيەتلەرنى كۆردى، شۇنداقلا پەن-تېخنىكىنىڭ تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرگەنلىكىنى بايقىدى.
تاغ-دەريالار گۈزەل تۈسكە كىردى، يۇلتۇزلار تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنى يورۇتتى. مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە چاغاننى كۈتۈۋېلىپ، يېڭى ئات يىلىنى باشلىدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت









