ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«2026-يىللىق جۇڭگو ئاۋازى جۇڭگو يىلى»دا «چاغانلىق ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسى» كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىندى، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلغان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ھازىرقى زامان جۇڭگو مەنزىرىسى تولۇق نامايان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-18 08:43

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2026-يىللىق جۇڭگو ئاۋازى جۇڭگو يىلى» پىروگراممىسى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو ئاۋازى ۋە باش ئىستانسىسىنىڭ ھەرقايسى يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كۆرسىتىلدى. پىروگراممىدا « مال سېتىۋېلىش جۇڭگو يىلى، تەسىرلىك جۇڭگو يىلى، ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە جۇڭگو يىلى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاساسىي لىنىيە چىڭ تۇتۇلۇپ، «چاغانلىق ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسى» كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىندى، توققۇز سائەتلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلغان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ھازىرقى زامان جۇڭگو تولۇق نامايان قىلىندى.
«2026-يىللىق جۇڭگو ئاۋازى جۇڭگو يىلى» پىروگراممىسى دەۋر تومۇرىنى چىڭ تۇتۇپ، جايلارنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن جانلىق ئىستېمال مەنزىرىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. جىلىننىڭ مېيخېكۇدىكى «كىچىككىنە قارىغاي ئۇرۇقى پۈتۈن دۇنيادىن سېتىۋېلىش پۈتۈن دۇنياغا سېتىش » تەك كەسىپ رىۋايىتىدىن گۇاڭدۇڭدا بايراملىق گۈل بازىرىنىڭ قىزىپ كېتىشىگىچە، خۇنەن شاۋدۇڭدىكى قىزىل بولاقتىن جۇڭگونىڭ چاغان پۇرىقىنىڭ دېڭىز-ئوكيانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈشىگىچە، يۈننەن لىنساڭدىكى ھاۋاي مېۋىسى، گۇاڭدۇڭ فوشەندىكى ئاپېلسېن، فۇجيەن جاڭجۇدىكى نەرگىس گۈلى قاتارلىق ئۆزگىچە بايلىقلارغىچە، چاغانلىق ئىستېمالنىڭ جانلىق كارتىنىسى جۇڭگونىڭ چاغانلىق ئىستېمال بازىرىنىڭ پۇختا ئاساسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.
پروگراممىدا جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ دەۋر قىممىتى چوڭقۇر قېزىلدى، رىياسەتچىلەر جايلارغا بېرىپ چوڭقۇر چۆكۈپ خەۋەر بەردى. گەنسۇنىڭ لەنجۇدا تەيپىڭ دۇمبىقى چېلىنىپ چاغان مۇقەددىمىسى باشلاندى، شەندۇڭ لەيياڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرىدا چاغانلىق ئۆرپ-ئادەت نامايەن قىلىندى، خېبېينىڭ ۋېيشيەن ناھىيەسىدە قەغەز قىيما خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندى، خۇبېينىڭ ئېنشىدىكى تۇجيالارنىڭ قول پۇلاڭلىتىش ئۇسۇلى چاغان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
«2026-يىللىق جۇڭگو ئاۋازى جۇڭگو يىلى» پىروگراممىسى ئەنئەنىۋى رادىيودىن ھالقىپ، ئاڭلىتىش ئۆيى تەسىس قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش شەكلى ۋە نامايان قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتى، AI ياردەمچىسى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ پەن-تېخنىكا تۇيغۇسى ۋە ھەمتۈرتكىلىكنى ئاشۇردى، رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ناخشا تەلەپ قىلىش ھالقىسىنى قايتا قوزغىتىپ، ئومۇمىي خەلقنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئاۋازنى سېغىنىشنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان، چاغان كەيپىياتىنى كۆتۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇپ، رادىيونىڭ سېھرىي كۈچىنى يېڭى دەۋردە داۋاملىق نامايان قىلدى.
2-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ سائەت 24 كىچە، «2026-يىللىق جۇڭگو ئاۋازى جۇڭگو يىلى» پىروگراممىسىغا ئالاقىدار تېمىلار ھەر قايسى سۇپىلارنىڭ قىزىق ئىزدەش تىزىملىكىگە 20 قېتىم چىقتى، بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار، كۆرگەنلار سانى، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تەشۋىقات ئۈنۈمىدە يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

تەرجىمان:  گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى:  پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«2026-يىللىق جۇڭگو ئاۋازى جۇڭگو يىلى»دا «چاغانلىق ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسى» كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىندى، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلغان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ھازىرقى زامان جۇڭگو مەنزىرىسى تولۇق نامايان قىلىندى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2026-يىللىق جۇڭگو ئاۋازى جۇڭگو يىلى» پىروگراممىسى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى جۇڭگو ئاۋازى ۋە باش ئىستانسىسىنىڭ ھەرقايسى يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كۆرسىتىلدى.