ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ كۆپ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى جۇڭگو يىلىغا بەخت تىلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-18 08:57

ئات يىلىدىكى چاغان كۈتىۋىلىندى، ھەممە نەرسە يېڭىلاندى. ئات يىلىدىكى چاغان يېتىپ كەلگەن پەيتتە، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق نۇرغۇن باش ئەلچىلەر مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ رادىيو پىروگراممىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى.
جۇڭگونىڭ ۋىيېتنامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خې ۋېي مۇنداق دېدى: نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت خەلقى قوشنا بولۇپ كەلدى، چاغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت بەلگىسى. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ پارلاق پەيتىنى كۈتۈۋالدى. چاغان يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى، جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى  تىلەيمەن!
جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جياڭ زەيدۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدۇ. چاغان يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر يىلىنىڭ مول-ھوسۇللۇق بولۇشىغا، گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن! كۆپچىلىكنىڭ ئات يىلىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى، ئات يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن!
جۇڭگونىڭ ئىرېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاۋ شىيۈەن مۇنداق دېدى: ئىرېلاندىيە ياۋروپانىڭ غەربىگە جايلاشقان، جۇڭگو بىلەن ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتى دوستانە، تەرەققىيات ئىدىيەسى يېقىن، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. مەن ئەلچىخانىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئات يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى، بەختلىك، سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن.
جۇڭگونىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، بىز داۋاملىق مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، دىپلوماتىيە جەھەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇق قېرىنداشلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، جۇڭگو-ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلەيمەن! كۆپچىلىكنىڭ ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، ئات يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن!
جۇڭگونىڭ كېنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گو خەييەن مۇنداق دېدى: كېنىيە شەرقىي ئافرىقىدىكى گۈزەل دۆلەت، جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى ئىنتايىن قويۇق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ كېنىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىۋاتىدۇ. يېڭى بىر يىلدا بىز كېنىيەدىكى جۇڭگو كارخانىلىرى، جۇڭگولۇق قېرىنداشلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى، ۋەتىنىمىز خەلقىنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىنى، ئات يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن!
جۇڭگونىڭ تونگادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا بىز خىزمەت ئورنىمىزدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، دوستلۇق ئەلچىسى، ھەمكارلىق كۆۋرۈكى، مەنپەئەت قوغدىغۇچىسى، قېرىنداشلارنىڭ يۆلەنچۈكى بولىمىز. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن! بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بەختلىك، سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن! كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىغا مۇبارەك بولسۇن، ئات يىلىدا ئىشلىرىڭلار خەيرىلىك بولسۇن!

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ كۆپ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى جۇڭگو يىلىغا بەخت تىلىدى

ئات يىلىدىكى چاغان كۈتىۋىلىندى، ھەممە نەرسە يېڭىلاندى.