ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىستېمال ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولدى، بازار ئاۋات بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-19 09:57

بۇ يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى چوڭ سودا بازارلىرىدا ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى داۋاملىق يېڭىلاندى، كىشىلەر بازار ئايلىنىپ، چاغانلىق ئۆرپ - ئادەتلەرنى كۆرۈپ، خۇشال - خۇرام ساياھەت قىلدى، چاغانلىق ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، ھەممە جاي ئىناق ئىللىق كەيپىياتقا تولدى.
سىچۈەن چېڭدۇنىڭ چۈنشى يولىدا، مۈشۈكئېيىق شەكلىدە ياسالغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى IP بۇ يىل چاغاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرسىتىلىپ، كۈنىگە سۈرەتكە تارتىپ سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلىنغان كىشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى شۇنداقلا سودا چەمبىرىكىدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى دۇكانلىرىنىڭ داۋاملىق ئالقىشقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى.
بۇ قېتىملىق چاغانلىق دەم ئېلىشتا بېيجىڭ شەھىرى چاڭديەن بۇتخانا سەيلىسى قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق بۇتخانا سەيلىسى، پانۇس سەيلىسى ئۆتكۈزدى، 5 مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىيەت پائالىيىتى شىدەن، ۋۇكېسۇڭ قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ سودا بازارلىرىنى قاپلىدى. شاڭخەي 2000 دىن ئارتۇق بايرام، مەدەنىيەت ساياھەت كۆرىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئەنئەنىۋى چاغان كەيپىياتى بىلەن شەھەر مودىسىنى ئۆزارا ماسلاشتۇردى. سودا مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن مەملىكەت بويىچە 78 پىيادىلەر كوچىسى (سودا چەمبىرىكى)نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى يولۇچىلار ئېقىمى، تىجارەت سوممىسى بۇلتۇرقى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %23.2 ۋە %33.2 ئاشقان.
ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى تېز نامايان قىلىندى. سودا چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دەم ئېلىشنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كۈنى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق پارچە سېتىش ۋە يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ كۈندىلىك سېتىش سوممىسى 2025 - يىلىدىكى چاغاننىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە يېشىل، ئەقلىي، ساغلاملىق تۈرىدىكى ئالاھىدە چاغانلىق تاۋارلارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى تېخىمۇ ئاشقان. 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى نۇقتىلىق سۇپىلاردىكى ئەقلىي تاقىما ئۈسكۈنىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى 1.3 ھەسسە ئاشتى، ئەقلىي قان بېسىم ئۆلچىگۈچ، قان شېكىرى ئۆلچىگۈچ قاتارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى %60 ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل چاغانلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى ئەنئەنىۋى يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك بۇيۇملىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، ھېسسىي تەسىرات قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتىلگەن.
چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، «كونىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتى داۋاملىق كۈچىيىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى ئۈنۈملۈك نامايان قىلىندى. سودا چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2 - ئاينىڭ 16 – كۈنىگىچە، 2026-يىللىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىن جەمئىي 27 مىليون 556 مىڭ ئادەم قېتىم نەپ ئېلىپ، سېتىش سوممىسىنىڭ 193 مىليارد 90 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلغان ئاپتوموبىل 607 مىڭغا يېتىپ، 99 مىليارد 560 مىليون يۈەن يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلغان.
ئۇزۇن دەم ئېلىش ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، ناھىيەلەردىكى كىچىك بازارلارغا بېرىپ مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت، چاغان كەيپىياتىنى ھېس قىلىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ يىلقى يېڭى تاللىشىغا ئايلاندى. سودا چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، مەملىكەت بويىچە مېھمانسارايلارنىڭ سودا سوممىسى %32.7، ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش زاكاز مىقدارى %54، قار - مۇز ساياھىتى ئىستېمال سوممىسى 1.2 ھەسسە، سوغۇقتىن دالدىلىنىش ساياھىتى ئىستېمال سوممىسى %68 ئاشقان.  

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىستېمال ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولدى، بازار ئاۋات بولدى

بۇ يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى چوڭ سودا بازارلىرىدا ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى داۋاملىق يېڭىلاندى، كىشىلەر بازار ئايلىنىپ، چاغانلىق ئۆرپ - ئادەتلەرنى كۆرۈپ، خۇشال - خۇرام ساياھەت قىلدى، چاغانلىق ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، ھەممە جاي ئىناق ئىللىق كەيپىياتقا تولدى.