ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تارقىتىلىش سانلىق مەلۇماتىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-19 09:58

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» «خۇشاللىق-قۇتلۇق، ئاسايىشلىق، شاد - خۇراملىق» ئاساسىي مىلودىيىسى ئىچىدە تولۇق كۆرسىتىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار ۋە چەتئەللىك دوستلارغا چاغان پۇرىقى قويۇق، مەدەنىيەت پۇرىقى كۈچلۈك، پەن-تېخنىكا ئامىللىرى كۆپ «مەدەنىيەت چاغانلىق سوۋغىسى» سۇنۇلدى. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 8 گىچە، چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى پۈتۈن تاراتقۇلاردا چېكىلىش مىقدارى 23 مىليارد 63 مىليون قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.3 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە تېلېۋىزىيە بازارلىرىدا بىۋاستە كۆرۈلۈش ئومۇمىي نىسبىتى %79.29 كە يېتىپ، 13 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
باش ئىستانسىنىڭ چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى چېگرا ئىچىدىكى يېڭى تاراتقۇلار سانلىق مەلۇماتىدا تارىخىي رېكورت ياراتتى. چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى يېڭى تاراتقۇلاردا بىۋاستە كۆرسىتىلىشى 16 مىليارد 207 مىليون قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، باش ئىستانسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئابونتلار تېرمىنالىدا بىۋاسىتە كۆرۈش مىقدارى 770 مىليون قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئاشتى؛ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىش مىقدارى 605 مىليون قېتىمغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 60 مىليون 50 مىڭ ئادەم قېتىم ئاشتى.«چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكنىڭ توسالغۇسىز نۇسخىسى»نىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى، مەركەز ۋىدېيوسى ۋە بۇلۇت ئاڭلاش ئابونتلار تېرمىنالىدىكى بىۋاستە كۆرسىتىشىنىڭ چېكىلىش  مىقدارى 28 مىليون 336 مىڭ 600 قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %144 ئاشتى.
تور قىزغىنلىقى داۋاملىق ئېشىپ، 2000 غا يېقىن تېما قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 13 كىچە، باش ئىستانسىنىڭ 2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى تېمىسىنىڭ پۈتۈن تور بويىچە ئوقۇلۇش مىقدارى 27 مىليارد 120 مىليونغا يەتتى. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئالاقىدار پىروگراممىلارنىڭ تىلغا ئېلىنىش دەرىجىسى يەنىمۇ ئېشىپ، AI، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم قاتارلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا كۆڭۈل بۆلۈش نىسبىتى %20.99 كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.4 ھەسسە ئاشتى.
چەت ئەلگە تارقىتىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى. باش ئىستانسا 85 خىل تىلدا سىرتقا تارقىتىش سۇپىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى بىۋاستە كۆرسەتتى ۋە خەۋەر قىلدى. جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە ئالاقىدار خەۋەرلىرىنىڭ دۇنيا بويىچە ئوقۇلۇش مىقدارى 2 مىليارد 309 مىليون قېتىمغا، ۋىدېيودا كۆرۈش مىقدارى 843 مىليون قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %32.85 ۋە %43.61 ئاشتى. باش ئىستانسا دۇنيادىكى 4 مىڭغا يېقىن تاراتقۇ بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى بىۋاستە كۆرسەتتى ۋە خەۋەر قىلدى، بۇ بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %37.95  كۆپ. پۈتۈن دۇنيادىكى 98 دۆلەت، 140 شەھەردىكى 4062 ئاممىۋى چوڭ ئېكراندا چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى بىۋاستە كۆرسىتىلدى ۋە تونۇشتۇرۇلدى، قاپلىغان دۆلەت سانى ۋە ئېكران سانى بۇلتۇرقىدىن ئايرىم-ئايرىم %12.6 ۋە %15.8 ئاشتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تارقىتىلىش سانلىق مەلۇماتىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2026-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» «خۇشاللىق-قۇتلۇق، ئاسايىشلىق، شاد - خۇراملىق» ئاساسىي مىلودىيىسى ئىچىدە تولۇق كۆرسىتىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار ۋە چەتئەللىك دوستلارغا چاغان پۇرىقى قويۇق، مەدەنىيەت پۇرىقى كۈچلۈك، پەن-تېخنىكا ئامىللىرى كۆپ «مەدەنىيەت چاغانلىق سوۋغىسى» سۇنۇلدى