قاتناش تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، چاغانلىق تىرانسپورتنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى
مۇخبىرنىڭ قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ سەپەرگە چىققانلار 210 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ يىل چاغانلىق تىرانسپورت باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ سەپەرگە چىققانلار سىجىل ئاشتى، قاتناش تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپىرىنىڭ تىنچ، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
2-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا توشۇلغان يولۇچى 6 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 281 يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىش پىلانلاندى. نۇرغۇن جايلار ئۆزگىچە ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويۇپ، يولۇچىلارنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى. شياڭياڭ - جىڭمېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، باۋتۇ - يىنچۈەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، شىئەن-يەنئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى قاتارلىق يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 22 لىنىيە ۋە 50 نەچچە يولۇچىلار تىرانسپورت بېكىتى تۇنجى قېتىم چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، توشۇش كۈچى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىلدى.
نۇرغۇن نۇقتىلىق ۋوگزاللار توشۇش كۈچىنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئەقلىي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. بېيجىڭ ۋوگزالىنى تولۇق قاپلىغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەقلىي ھۆكۈم قىلىش ئۈسكۈنىسى يۈك ـ تاقنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ئۈنۈمىنى ئالتە سېكۇنتتىن ئىككى سېكۇنتقا قىسقارتتى.
كۆپلىگەن جايلاردىكى ۋوگزاللار ياشانغانلار، بالىلار قاتارلىق نۇقتىلىق يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ياشانغانلار، بالىلارنى «نۇقتىدىن نۇقتىغا» چاتما مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، «ئەڭ ئاۋۋالقى ۋە ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مۇساپىسىنى دەل جايىدا جىپسىلاشتۇردى.
تاشيول جەھەتتە، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى سەپەرگە چىققان ئاپتوموبىللار كۆپىيىشكە باشلىدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار سىجىل كۆپەيدى، مۆلچەرلىنىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مېڭىش مىقدارى 12 مىليونغا يېتىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %22 ئىنى ئىگىلەيدىكەن. جايلار توكلاش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، چاغان مەزگىلىدە توكلاشتا ئۆچرەتتە تۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلەتتى.
خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەھەتتە، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى مەملىكەت بويىچە ئايروپىلاندا توشۇلغان يولۇچى 2 مىليون 230 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئاۋات ساياھەت لىنىيەلىرىدە يولۇچىلار سانى كۆپىيىشكە باشلىدى. گۇاڭجۇ بەييۈن، سەنيا فېڭخۇاڭ قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى ئايرودوروم يېڭى ئايرودوروم بىنالىرى بۇ يىل تۇنجى قېتىم چاغانلىق تىرانسپورتقا كىرىشتۈرۈلدى، ئەقلىي نۆۋەتچىلىك قىلىش، ھاۋالىلىك توشۇش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەر يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى









