جايلار تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ چاغاننى تەبرىكلىدى
چاغان خۇشال تەبرىكلەندى، جايلاردا ئېسىل نومۇرلار ئۈزۈلمىدى، كىشىلەر رەڭگارەڭ چاغانلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئىچىدە ئەنئەنىۋى چاغانلىق ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن ھوزۇرلاندى.
قەدىمىي شەھەر قەدىمىي كەنتتە چاغان پۇرىقى قويۇق بولدى. گۇاڭدۇڭنىڭ جۇڭشەن شەھىرىدىكى شياڭشەن قەدىمىي شەھىرىدە چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيىتى قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە باشلاندى، شىچىدىكى شىر، رەڭلىك لىنتىلىق ئەجدىھا، ئېگىز خادىلىق ئۇچار ئەجدىھا، ئۇچار سۇمۇرغ نۆۋەت بىلەن مەيدانغا چىقتى، كىشىلەر بەس-بەستە ئېسىل كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلىدى. سىچۈەن مېيشەندىكى ليۇجياڭ قەدىمىي بازىرىدا، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت بىلەن زامانىۋى چىراق نۇرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر قويۇق چاغان كەيپىياتىغا چۆمۈپ، ئاڭلىغىلى، كۆرگىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان چاغانلىق تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئەنخۇينىڭ خۇاڭشەندىكى مىڭ يىللىق قەدىمىي كەنت تاڭمودا غايەت زور بىلىق شەكىللىك پانۇس كېچە ئاسمىنىنى چاقناتتى، كىشىلەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان بېلىق شەكىللىك پانۇسلارنى كۆتۈرۈپ سۇنى بويلاپ ئاستا-ئاستا ماڭدى، يەنە پۈتۈن مەيداننى زىلزىلىگە سالغان تۆمۈر ئۇچقۇنىنى چاچرىتىش، چوغدان ئويۇنىمۇ بار. جېجياڭ نىڭبودىكى سىچېڭ قەدىمىي ناھىيە بازىرىدا، شەھەر سېپىلى پانۇس سەيلىسى قەدىمىي شەھەرنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى، ئات يىلىدىكى يېڭى يىلدا 100 مەيداندىن ئارتۇق ئالاھىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، ساياھەتچىلەر چاغان كەيپىياتىدىن، مىللىي ئۆرپ-ئادەتتىن ھوزۇرلاندى.
چاغاننىڭ 1-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرى گەنجياڭ دەرياسى بويىدا چاغاننى كۈتۈۋېلىش ساليوت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى، رەڭگارەڭ ساليوتلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، قاينام تاشقىنلىق ھاسىل قىلىپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن كىشىلەرگە بىر مەيدان كاتتا ئاۋاز-نور زىياپىتى ئاتا قىلدى.
2-ئاينىڭ 17-كۈنى 2026-يىللىق دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى چاغانلىق ساليوت كېچىلىكى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى، شيامېن، جىنمېندا بىرلا ۋاقىتتا ساليوت ئېتىلدى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.
رەڭدار پائالىيەتلەر چاغانغا جۆر بولدى. بېيجىڭدا چاغانلىق بازارلار داۋاملىق قىزىپ كەتتى، لوڭفۇسى كوچىسى، تاۋرەنتىڭ باغچىسى قاتارلىق جايلاردا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر-سەنئىتى، چاغانلىق مەدەنىيەت ئىجادىيەت بۇيۇملىرى، ھەمتۈرتكىلىك ئويۇنلار نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، يەنە نەچچە ئون كونا داڭلىق دوكان-ماگزىنلار چاغانلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ، ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. چۇڭچىڭنىڭ بىشەن رايونىدا كىشىلەر بازار ئايلىنىپ، ئېسىل تائاملارنى تېتىپ، ئويۇن ئويناپ، چاغاننىڭ قىزغىن كەيپىياتىنى ھېس قىلدى. شەندۇڭ يەنتەينىڭ پېڭلەي رايونىدا چاغانلىق باغ سەيلىسىدە رەڭدار ئەجدىھا ئوينىتىش قاتارلىق ئويۇنلارغا كىشىلەرنىڭ بەخت تىلەشتەك گۈزەل ئارزۇسى سېڭدى. يۈننەننىڭ چۈجىڭدا مىڭ كىشىلىك بوبرا كېيىك ئۇسسۇلى پائالىيىتى قىزىپ كەتتى، بۇ يىل قاتناشقان ئادەم سانى تېخىمۇ كۆپ، ئويۇن قويۇش شەكلىمۇ تېخىمۇ مول بولۇپ، كىشىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. شىنجاڭنىڭ لوپتا ھەر مىللەت ئاممىسى خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، شاتلىققا چۆمگەن ئۆرپ ئادەت نومۇرلىرى بىلەن ئات يىلدىكى چاغاننى تەبرىكلەپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ قويۇق پۇرىقىنى ھېس قىلدى.
بۇ يىل چاغاندا يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەر ساياھەت قىلىپ چاغان ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى. خەينەن ئەركىن سودا پورتى پىچەتلىك تامۇژنا مەشغۇلاتىنى يولغا قويغاندىن كېيىنكى تۇنجى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتىۋالدى. سەنيادا ماتۇرلۇق قېيىق، سۇغا شۇڭغۇش، لەگلەك شەكىللىك سۆرىمە پاراشۇت قاتارلىق دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋادا تەڭ ئويناش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئوخشىمىغان شەكىلىدە ئارالدا چاغان ئۆتكۈزدى. ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇلۇنبېر شەھىرىدە چاغان مەزگىلىدە A دەرىجىلىك 38 ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەر ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى، شەھەر رايونى، ئورمانچىلىق رايونى، چارۋىچىلىق رايونى، دېھقانچىلىق رايونىدىكى كۆپ خىل ئۆرپ-ئادەتلەر بىرلەشتۈرۈلدى.
«يېڭى يىل، يېڭى ئامەت، خۇشاللىق» باش تېمىسىدىكى بىزەك ئاپتومۇبىل سەييارە پائالىيىتى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە شياڭگاڭ جيەنشازۈيدە ئۆتكۈزۈلدى. 12 بىزەك ئاپتوموبىل چىراقلار ئاستىدا بىر-بىرلەپ نامايەن بولدى، شياڭگاڭ، ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە ئىتالىيە، فىرانسىيە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 46 ئويۇن قويۇش ئەترىتى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا چىقتى.
2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاۋمىننىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا ئەجدىھا، شىر ئۇسسۇلى قاتارلىق چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر ئويۇننى كۆرۈپ، بەخت-سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان ئالتۇن ئەجدىھا شىرنى بەس-بەستە تۇتۇپ، يېڭى يىلدا ئامەت تىلىدى.
چاغان مەزگىلىدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى گازارمىلارمۇ ئوخشاشلا قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى. كوماندىر-جەڭچىلەر قويۇق دۆلەت مۇھەببىتى بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى يۇغۇرۇپ، گازارما ئالاھىدىلىكىگە ئىگە چاغان پۇرىقى شەكىللەندۈردى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل









