سەنشى، جېجياڭ، يۈننەن ئۆگىنىش-تەربىيەنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى
پۈتۈن پارتىيىدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيىنىڭ تۈپ باش مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك ئۆگىنىش-تەربىيە نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، سەنشى، جېجياڭ، يۈننەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









